باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتىلغان قىسمەن جازانى بىكار قىلىدۇ

2013.11.27 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – نويابىر تېلېگراممىسى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس 25 – نويابىر: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلەر ئايدا ئىرانغا قارىتىلغان قىسمەن جازانى بىكار قىلىدۇ، دېدى. بۈگۈن ئىسرائىليە زۇڭلىسى نېتانياخۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە دائىر ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ ئىستىقبالىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  فابىئۇس فىرانسىيە ياۋروپا 1 – رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، شۇ چاغدا ئىرانغا قارىتىلغان قىسمەن جازانى بىكار قىلىش قارار قىلىنىدۇ. جازانى بىكار قىلىش تەدبىرى چەكلىك بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئامېرىكىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر