خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ 25-چېسلا كەچ سائەت 6 دە، شەندۇڭ رۇيى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.باش شۇجى بۇ كارخانىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە ئىشچىلار بىلەن مۈلۈكدارلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى. ئۇ كارخانا مەسئۇللىرىغا سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، پاراۋانلىقنى كۆپرەك قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا كۆپرەك ھەسسە قوشۇشنى تاپىلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى