باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئايپەرى-3 بۇ يىل 12-ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلىدۇ

2013.11.27 23:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايپەرى-3 ناملىق ئاي چارلىغۇچى ئاپپارات قونۇش ئاپپاراتى ۋە چارلاش ئاپپاراتى (ئاي ماشىنىسى) دىن تەركىب تاپقان. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاي ماشىنىسىغا نام قويۇش ھەققىدە دۇنيا مىقياسىدا ئاشكارا پىكىر ئالغاندا، 650 مىڭ تورداش «قاشتاش توشقان» دېگەن نامغا بېلەت تاشلىدى. بۇ يىل 12-ئايدا «ئايپەرى» «قاشتاش توشقان»نى ئېلىپ ئايغا ئۇچىدۇ، «قاشتاش توشقان» ئايدا ئۈچ ئاي سەييارە چارلايدۇ. سۈرەتتە: ئايپەرى-3 ناملىق ئاي ماشىنىسىنىڭ ئىسخېمىسى.(سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر 26-چېسلا دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئايپەرى-3 ۋەزىپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئايغا قونۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان «ئايپەرى-3»نى ياساش ۋە سىناش تاماملاندى، توشىغۇچى راكىتا بىلەن چارلىغۇچ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىكى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا ئاپىرىلدى. ھاۋارايى قاتارلىق شارائىتلار ھازىرلانسىلا، بۇ يىل 12-ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلىدۇ. (ۋۇ يۆخۈي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر