باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ‹‹ئەزا تەقدىم قىلىش ياردەم فوندى››تەسىس قىلىدۇ

2013.11.28 16:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ‹‹ئەزا تەقدىم قىلىش ياردەم فوندى›› تەسىس قىلىپ، ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار بىلەن قوبۇل قىلغۇچىلارغا زۆرۈر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 21 – نويابىر، بۇنىڭدىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەقسىز قان بېرىش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش، جەسەت ۋە ئەزا تەقدىم قىلىش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز، دېدى.

  شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەزا تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويغانىدى، ھازىرغىچە ۋاپات بولغانلارنىڭ بۆرەك، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن يەتتىسى، كۆز پەردىسىدىن تۆتى تەقدىم قىلىندى. ئەزا تەقدىم قىلىشتا ھەقسىز بولۇش، ئىختىيارىي بولۇش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەزا تەقدىم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ، قىسمەن ئائىلىلەر يەنىلا نۇرغۇن داۋالاش چىقىمىنى تۆلەش، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ما لۇڭ مۇنداق دېدى: باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىغا ئاساسەن، جەمئىيىتىمىز بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مەبلەغ توپلاپ، ئەزا تەقدىم قىلىش ياردەم فوندى تەسىس قىلىپ، ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار بىلەن قوبۇل قىلغۇچىلارغا زۆرۈر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قىزىل كىرېست ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركىزى (ماددىي ئەشيا ئامبىرى) قۇرۇلۇشىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلسا بولىدىكەن. قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىزمەتچىلىرى، ماددىي ئەشيالىرى ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ھەقلەر ئېلىنمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر