باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراشەھەر ناھىيەسى يېزا ئاياللىرى ئارىسىدا نان يېقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

2013.11.28 08:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ، ئۆز قەدىر- قىممىتى ئارقىلىق ئائىلىدە لاياقەتلىك ئانا، جەمئىيەتتە پەخىرلىك قابىل ئايال بولۇپ، ھەممىنى قايىل قىلىۋاتقان ئاياللار كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە.

  ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلىشىنىڭ كەڭ تۈردە يولغا قويۇلۇشى ھەمدە ئاياللارنىڭ ئىدىيىسىنى ئېچىپ، ئەر- ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەبىۇس قىلىپ، «ئىناق ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت» قۇرۇش نىشانىنىڭ تۈرتكىسىدە، قاراشەھەر ناھىيەسى ھەر قايسى يېزا- بازارلاردا تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. يېقىندا قاراشەھەر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن دەنزىل بازىرى بىرلىكتە ئاياللارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش مەقسىتىدە نان يېقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  دەنزىل بازىرىنىڭ باشلىقى مۇختار ئىسلام مۇنداق دىدى: بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئائىلىدە باللىرىنى ئوبدان يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، ئىشچان، قولى چېۋەر ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە بىر كىشلىك ھەسىسىنى قوشۇشنى، مۇشۇ ئارقىلىق مۇشۇ دەنزىل بازىرىمىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، ئىجىل، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان گۈزەل دەنزىل بازىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا مۇشۇ مۇسابىقىنى ئۆتكەزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز بۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ قىلىپ، مەزمۇنىنى تېخىمۇ مول قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاپ، جەمئىيەت ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن، تۆھپە قوشۇشۇنى ئۈمۈد قىلىمىز.

  بۇ قېتىملىق نان يېقىش مۇسابىقىسىگە دەنزىل بازىرىدىكى ئاياللار ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مىللىي خېمىر تۇرۇچتا ياققان، ئۆزگىچە تەملىك نانلىرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. ئىنچىكە باھالاش، سېلىشتۇرۇش، نەق مەيداندا تېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نانلار دەرىجىگە بۆلۈنۈپ باھالاندى.

  مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر ئارزىگۈل مۆمىن مۇنداق دىدى: بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان، كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىز بىر دېھقان بولغاندىكىن، مەيلى توي-تۆكۈن، نەزىر- چىراقلار بولسۇن نان يېقىپ ئۆتكەن، ئەمدى بۈگۈنكى بۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەن بەك خوشال بولدۇم، دېھقانلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىدىن بەك خوش بولدۇم.

  قاراشەھەر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئايگۈل مۇھەممەد مۇنداق دىدى: قاراشەھەر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىمىز، قاراشەھەر ناھىيەمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا- بازارلىرىدا مول مەزمۇنلۇق ئاياللارنىڭ« ئۈچتە ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش» ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى يەنى كالا سېغىش، پەمدۇر ئۈزۈش، لازا ئۈزۈش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدۇق، بۇ مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز يېزا ئاياللىرىمىزنى، ئائىلىسىدىن چىقىپ پۇل تېپىپ باي بولۇشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ئۈچۈن. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپ ئۆتكۈزىشكە تىرىشىمىز. (قاراشەھەر ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن : ئۆمەرجان مەخمۇت؛ بايىنغولىن رادىيو –تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى : تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر