باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مېترودا ئالتە بېكەتتىن ئاشسا باھا قوشۇش، ئەڭ يۇقىرى بىلەت باھاسى 8 يۈەن ياكى 10 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەكلىپى بەردى

2013.12.16 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەيلى قايسىلا ۋاقىت، مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ئارىلىق بولسۇن، ئىككى يۈەن تۆلىسىلا مېتروغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭنىڭ ھەر جايلىرىغا بارغىلى بولىدىغان بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلىدۇ. يېقىندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى «رېلىسلىق قاتناش ترانسپورت بىخەتەرلىك خىزمىتى لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە بېلەت باھاسىنى پەرقلەندۈرۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ۋاقتى كەلگەندە ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولدى.

  14-چېسلا، باھا بېكىتىشكە مەسئول شەھەرلىك تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىراق بەلگىمە بويىچە، ئەگەر مېترو بېلەت باھاسىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى ھەم بىر يۈرۈشتىن كۆپ باھا تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈلۈپ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كۆپچىلىكنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلۇشى كېرەك.

  ۋەكىللەر باشلىنىش باھاسى 2 يۈەن بولۇش، ئالتە بېكەتتىن ئاشقاندا باھا پۇل قوشۇش تەكلىپى بەردى

  نىڭ بىڭ مۇنداق قارىدى، ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش بېلەت باھاسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، مۇساپىگە ئاساسەن باھا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، مۇناسىپ بېلەت باھاسىنى گۇاڭجۇ ياكى شاڭخەينىڭ سەۋىيەسى بويىچە بېكىتسە بولىدۇ. نۆۋەتتە گۇاڭجۇ، تيەنجىن، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردە بېلەتنىڭ باشلىنىش باھاسى ئىككى يۈەن. بېيجىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي بېلەت باھاسىنى ئۇنىۋېرسال جەھەتتىن ئويلاشقاندا، ئىككى يۈەننى باشلىنىش باھاسى قىلساق بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ مېترولىرىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرىچە توشۇش ئارىلىقى، توشۇش لىنىيە سانى، بىكەت سانى، توشۇش ئومۇمىي مۇساپىسى شۇنداقلا ھازىرقى ئاممىۋى قاتناشقا يول بېرىش سىتراتېگىيەسىگە تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كىلومېتىر دائىرىسىگە ئوتتۇرىچە 0.342 يۈەندىن ھېسابلاپ، ئىككى يۈەننى باشلىنىش باھاسى قىلىپ، ئىككى يۈەنگە ئالتە كىلومېتىر ئولتۇرسا بولىدۇ، شەھەر ئىچىدىكى بېكەتلەر ئارىلىقى قىسقا، بېلەتنىڭ باشلىنىش باھاسى ئىككى يۈەن بولۇپ، ئالتە بېكەت ئولتۇرسا بولىدۇ، ئالتە بېكەتتىن كېيىن، يەنە ئولتۇرىدىغان ئارىلىقى بويىچە باھا قوشۇش، ئەڭ يۇقىرى بولغان بېلەت باھاسى 10 يۈەن ياكى 8 يۈەن بولسا بولىدۇ دەپ قارىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر