باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا

2013.12.16 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاممىۋىي لۇشەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىدە ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىچكى نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق 20 جەھەتتە 26 تۈرلۈك تۈزۈم چىقىرىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تۈزەش، تۆت شامال مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.

  ئاممىۋى لۇشەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن 222 ئىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ توك، سۇ،ئىسسىنىش، يول يۈرۈش، ئوقۇش، داۋالىنىش، مۇھىت ئاسراش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان كونكرېت مەسىلىسىدىن 50 نى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ16 مىليون 450مىڭ 100 يۈەن ماسلاشتۇرۇپ، نامراتلارغا يار يۆلەك بولۇش تۈرىدىن 11نى ئەمەلىيلەشتۈردى، پائالىيەت قانات يايدۇرۇلۇش جەريانىدا ئۇلار يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئىنتىزامغا خىلاپ 262 خىل مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 283 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر