باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە نوپۇس كىرزىسى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا

2013.12.16 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان نوپۇس كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 12-چېسلا موسكۋادا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش رۇسىيىنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنىشى كېرەك دېگەن ۋە كېلەر يىلىدىن باشلاپ قىسمەن رايونلاردا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرگە قوشۇمچە تولۇقلىما بېرىپ، نوپۇسنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  پۇتىن سۆزلەپ:«مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى پەرزەنتنى تۇغۇش ئۈچىنچىسىنى تۇغۇشقا پايدىلىق ئىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئائىلىلەر مۇشۇ قەدەمنى بېسىشى كېرەك. گەرچە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، مەن ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، مەن ئۈچ پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۆلچىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

  نۆۋەتتە، رۇسىيە «ئانا كاپىتال» تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، پۇتىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا رۇسىيىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، دۆلەتنىڭ نوپۇسى مۇقىم ئاشقان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، رۇسىيىدە ئاشقان نوپۇسنىڭ 200 مىڭدىن كۆپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئۇدا بەش ئايلىق نوپۇس ئېشىش ئىكەنلىكىنى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭمۇ ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ نوپۇسى ھازىر 142 مىليون بولۇپ، پىلانغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 2015-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇسىنى 142 مىليوندىن 143 مىليونغىچە بولغان سەۋىيىدە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  پۇتىن يەنە، ئۈچ پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنى رۇسىيىنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاياللارغا پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئىككىنچى پەرزەنتى ۋە ئۈچىنچى پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلۇشى ئۇلارنىڭ كەسپىي ھاياتى ۋە خىزمەت تېپىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن، ھەتتا ئاياللارنى ئۆي ئايالى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان قىلىش كېرەك دېگەن.

  «ئانا كاپىتال» رۇسىيە 2007-يىلى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك تۇغۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى بولۇپ، بۇ تۈر بويىچە ئىككىنچى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتىنى تۇغقان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ پىلان بويىچە بولغاندا، «ئانا كاپىتال» تۈرى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ تۇغۇش نىسبىتى %30 ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر