باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەڭ گۈزەل ئانا ــ شىنجاڭدىكى مېڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغا بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى» باشلاندى

2013.12.16 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-دىكابىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭدىكى مېڭە پارالىچىغا گېرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ يولغا قويغان «ئەڭ گۈزەل ئانا ـــ شىنجاڭدىكى مېڭە پارالىچىغا گېرىپتار بولغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى» باشلاندى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 1 مىليۇن 69 مىڭ نەپەر مېيىپ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلار 69 مىڭ نەپەر، نۇرغۇنلىغان مېڭە پارالىچلىرى ۋە ئەقلىي قابىليىتى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئاساسەن ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ، ئائىلىسىگە زور بېسىم بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئانىسى غايەت زور روھىي بېسىم ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ.

  ئەقلىي قابىليىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 47 ياشلىق رەيھانگۈل ئاۋۇت 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۈنىگە تەكرار ئاددىي ئەمما جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدىلا ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ، بالا تۇغۇلغاندا ئوكسىگېن كەمچىل بولغانلىقتىن، چوڭ مېڭىسى ئەسلىگە قايتۇرغۇسىز زەخىملەنگەن، رەيھانگۈل كۆزىگە ياش ئالغىنىچە: «مېنىڭ تىرىشچانلىقلىرىم بىكار كەتمىدى، جۇڭگوچە ۋە غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، بالام ئاددىي گەپلەرنى دىيەلەيدىغان بولدى. ھازىر ھەر قېتىم بالام ئانا دېگەندە، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئانىدەك ھېس قىلىمەن.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل «ئەڭ گۈزەل ئانا ــ شىنجاڭلىق ئەقلىي قابىليىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارغا غەمخولۇق قىلىش قۇرۇلۇشى»دا 100 نەپەر ئەڭ گۈزەل ئانا تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئانىغا 5000 يۈەن ياردەم بېرىلگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىلىپ 100 نەپەر ئەڭ گۈزەل ئانا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر