باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پامىر ئېگىزلىكىدە يەر ئىسسىقلىقى يۈز سېلسىيە گرادۇس كېلىدىغان يەر ئىسسىقلىقى بايقالدى

2013.12.16 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلغا يېقىن قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ گېئولوگىيە كان ئىدارىسى 2- سۇ رايى قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى شىنجاڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە تەخمىنەن 5 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە، ئىسسىقلىقى يۈز سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا تېمپېراتۇرىلىق يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى بايقىدى، بۇنى كۈنىگە 5600 كۇپ مېتىردىن قازغىلى بولىدۇ، بۇ شۇ جاينىڭ قىش پەسلىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ھەمدە بۇلاق ساياھىتى، پارنىك قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى قاندۇرالايدۇ.

  شىنجاڭ گېئولوگىيە كان ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنژېنېرى چاڭ جىيوڭ مۇنداق دېدى: 2007-يىلىدىن باشلاپ بىز شىنجاڭنىڭ پامىر ئىگىلىكىدىكى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يەر ئىسسىقلىقىنى گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرگەن ئىدۇق، 2009-يىلى تۇنجى قېتىم ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تىزناپ يېزىسى چىمگەن كەنتىنىڭ 101 مېتىر ئاستىدا يەر ئىسسىقلىقى ئاقما ماددىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 91 سېلسىيە گرادۇس كېلىدىغان ئوتتۇرا تېمپېراتۇرىلىق يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى قېزىپ چىقتۇق، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى فونتان قۇدۇق، كۈنىگە ئېتىلىپ چىقىدىغان ئارىلاشما يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مىقدارى 600 كۇپ مېتىردىن ئاشىدۇ.

  2012-يىلى شىنجاڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى، شىنجاڭ گېئولوگىيە كان ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چىمگەن يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنىڭ كۆلىمى، ئىسسىقلىق ساقلاش شارائىتى شىزاڭنىڭ ياڭبا قۇدۇقىدىن قالسا مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ جەزملەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر