باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز شىنجاڭ يېزىلىرىدا ھەمكارلىق بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇشقا 20 مىليون 670 مىڭ يۈەن ئاجراتتى

2013.12.16 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ، شىنجاڭ يېزىلىرىدا ھەمكارلىق بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېقىندا 20 مىليون 670 مىڭ يۈەن ئاجراتتى. پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىلدىن 2015-يىلغىچە شىنجاڭ بويىچە 2 مىڭدىن كۆپرەك يېزا ھەمكارلىق بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھەمكارلىق بەخت ساناتورىيەسى شىنجاڭ يېزىلىرىدا ھەمكارلىشىش ئاساسىدا كۈتۈنۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان سىناق بولۇپ، «كەنت باشقۇرغان، ھۆكۈمەت يۆلىگەن، ھەمكارلىشىپ مۇلازىمەت قىلغان، جامائەت قاتناشقان» شەكىلدە قۇرۇلىدۇ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان بەش كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېنىدا بالا-چاقىسى يوق ياشانغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئىچىدىكى چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر