باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ غەربىي رايون جابدۇق ياساش بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

2013.12.16 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئالدىنقى كۈنى «جابدۇق ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، 2015-يىلغا بارغاندا جابدۇق ياساش كەسپىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 90 مىلياردقا يەتكۈزۈشنى، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى نىسبىتىنىڭ %35 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشىنى، 2020-يىلىغا بارغاندا، جابدۇق ياساش كەسپىنى تۈۋرۈك كەسپكە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 150 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوندىكى جابدۇق ياسايدىغان ۋە غەربكە ئىكىسپورت قىلىدىغان مۇھىم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ھازىر، شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، نېفىت ماشىنىلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ماشىنا ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان جابدۇق ياساش كەسپى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى، قىسمەن كەسپ ۋە مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، شامال ئېلېكتېر جابدۇقلىرى، قوياش ئېنېرگىيىسىنى ئىشلىتىش جابدۇقلىرى، ماشىنا ۋە زاپچاسلىرى، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، نېفىت ۋە نېفىت-خېمىيە جابدۇقلىرى، ئېغىر تىپلىق كان جابدۇقلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرى كەسپلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر