ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، كورلا شەھىرى بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر 2-قېتىملىق بوكىس ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقە پائالىيىتى كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلدى، پائالىيەتتە كورلا رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق بوكىس ھەۋەسكارلىرى كەسكىن ئېلىشتى، بۇ قېتىمقى بوكىس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەك كىچىكى يەتتە ياش، ئەڭ چوڭى 14 ياش بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن. 21 نەپەر بوكىس ھەۋەسكارى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ، تەقدىرلەندى.