باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياش پىدائىيلارنى ياشلىق باھارىدىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2013.12.09 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە 28-قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «بېنيۈ پىدائىي مۇلازىمەتچىلەر ئەترىتى»گە جاۋاپ خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى ھەم بۇ پىدائىي مۇلازىمەتچىلەر ئەترىتى ۋە مەملىكەتتىكى كەڭ ياش پىدائىيلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر