باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.12.06 16:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-دېكابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا تورى بېيجىڭ 5-دېكابىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-دېكابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن ئۇكرائىنا 2011-يىلى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام ، مۇقىم تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى . جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن چىقىپ ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، ئۆزئارا تەڭ مەنپەئەتلىنىپ ، ئورتاق بېيىشتا چىڭ تۇرۇشنى ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولنى ۋە يۆنىلىشنى بويلاپ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ .

  سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دوستانە ھەمكارلىق كېلىشىمى ››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇكرائىنانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات ››قا ئىمزا قويدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ، تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق كۆپ خىل ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشىغا شاھىت بولدى .

  سۆھبەتتىن بۇرۇن ، شى جىنپىڭ ‹‹ خەلق ›› سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا يانۇكوۋىچنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى خەيفېڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر