باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما بىلەن رائۇل كاستېرونىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى قانداق سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە؟

2013.12.13 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما كۇبا رەھبىرى كاستېرو بىلەن 10-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىدا بىرلىكتە ماندېرانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. بۇكۆرۈشۈش ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ كەلگۈسىدە يارىشىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ يوق؟

  ئوباما ماندېرانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كاستېرو بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۇنياغا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش بولغاچقا، ئىككى ئادەمنىڭ كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشى دەرھال دۇنياغا تارقىلىپ، قاتتىق دىققەت قوزغىدى.

  ئامېرىكا بىلەن كۇبا دائىرلىرىنىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشىشىگە ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكا دائىرلىرى بۇنىڭغا ئانچە چوڭ ئىنكاس قايتۇرمىدى، بۇ ئىككەيلەننىڭ كۆرۈشىشىگە بىز ئالدىن تەييارلىق قىلمىغان دېدى. كۇبا دائىرلىرى بولسا بۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە: ئىككەيلەننىڭ كۆرۈشىشى ئامېرىكىنىڭ كۇباغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان بىرىنچى قەدىمى بولدى، دېدى.

  بۇ ئامېرىكا بىلەن كۇبا رەھبەرلىرىنىڭ يېنقى يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىشى ئەمەس. 2000-يىلى، شۇ ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت كېلىنتون بىلەن كۇبانىڭ رەھبىرى، رائۇل كاستېرونىڭ قېرىندىشى فىدېل كاستېرو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى سورۇن تازا چوڭ بولمىغاچقا، ئامېرىكا ئۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

  ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغىنىغا كۆپ يىللار بولدى. 1959-يىلى، فىدېل كاستېرو ئىنقىلاپ قوزغاپ باتىستا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلاپ ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا باشلىغان. 1961-يىلى كۇبا گىروندا ئامېرىكا تەشكىللىگەن ياللانما ئەسكەرلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلغان، 1962-يىلى ئامېرىكا كۇباغا ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسى يۈرگۈزۈشنى جاكارلىغان.

  ئامېرىكىنىڭ كۇباغا جازا يۈرگۈزگىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، بۇ كۇبانىڭ ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا كۇباغا يۈرگۈزگەن جازانى توختىتىش قارارى ناھايىتى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىزچىل پىسەنت قىلماي كەلدى.

  ئوباما 2009-يىلى پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، كۇباغا يۈرگۈزگەن قىسمەن جازالارنى يېنىكلىنىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى، بۇ 2012-يىلىدىكى ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دېڭىزدىكى تىرانسىپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۇبالىق ساياھەتچىلەرنىڭ ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ كەلگۈسىدە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش جەھەتتە ئوباما دۆلەت ئىچىدىكى توسقۇنلۇققا يەنىلا ئۇچرايدۇ. ئوباما بىلەن رائۇل كاستېرونىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى پارلامنېت ئەزاسى ماككائىن: ئوباما كۇباغا ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان پۇرسەت بەردى، دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا رائۇل كاستېرونى گېتلېرغا ئوبامانى چامبېرلاينغا ئوخشاتتى.

  ھازىر ئامېرىكىلىق ئېلون گروسنىڭ يەنىلا كۇبادا جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقىنى ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى تۈگۈن بولماقتا. گىروس 2009-يىلى كۇبادا تۇتۇلۇپ، 2011-يىلى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارت، سابىق ئىشتات باشلىقى رىچادسىن قاتارلىق ئەربابلار ئىلگىرى كۇباغا بېرىپ گىروسنى قويىۋېتىش ھەققىدە ۋائىزلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىلا مەغلۇب بولدى.

  كۇبا تەرەپ گىروسنى قويىۋېتىش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. ئىلگىرى كۇبا گروسنى قويىۋېتىش بەدىلىگە ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىنغان كۇبالىقلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ لېكىن بۇنى ئامېرىكا رەت قىلدى. گروسنىڭ ئىشىنى ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە، بۇنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئامېرىكا بىلەن كۇباغا قىيىن مەسىلە تۇغدۇردى.

  ئوباما بىلەن رائۇل كاستېرونىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى ئانچە چوڭ ئىش بولمىسىمۇ، بۇنىڭ سمۋوللۇق مەنىسى بار، سىرتتىكىلەرمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى خالايدۇ. لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ يارىشىشى ئىككى رەھبەرنىڭ قول ئېلىپ كۆرۈشىشى بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر