باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن جاڭ سۇڭتەكنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.12.13 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13-چېسلادىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن 12-چېسلا دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەست ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، چاۋشيەن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىغا ئاساسەن، جاڭ چېڭزې ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم شۇ كۈنىلا ئىجرا قىلىنغان.
چاۋشيەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقى پەۋقۇلئاددە ھەربىي سوتى 12-چېسلا جاڭ چېڭزېنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ، جاڭ چېڭزې ھازىرقى زامان مەزھىپىنىڭ كاتتېبىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مەزگىل گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەست جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ بېكىتتى. جاڭ چېڭزېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرى قاراپ چىقىش جەريانىدا ئىسپاتلانغان، ئۇمۇ جىنايىتىنى ئېتراپ قىلغان. پەۋقۇلئاددە ھەربىي سوتى ئوچۇق سوت ئاچقاندىن كېيىن، ھۆكۈمنامىنى جاكارلىغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسى)
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر