باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيەنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلى ھەققىدىكى سىن ھۆججىتىنىڭ تىل تۈرىنى توققۇزغا يەتكۈزگەنلىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىغۋاگەرچىلىكتۇر، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2013.12.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى دياۋيۈداۋ ئارىلى ھەققىدىكى سىن ھۆججىتىنىڭ تىل تۈرىنى كۆپەيتكەنلىكىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ياپونىيەنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلى مەسىلىسىدە قوللانغان يەنە بىر ئىغراگەرچىلىك ھەرىكىتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  سوئال: 11-چېسلا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى تاشقى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش مەقسىتىدە، ئۆز تور بېكىتىدىكى دياۋيۈداۋ ئارىلى ھەققىدىكى سىن ھۆججىتىنىڭ تىل تۈرىنى توققۇزغا يەتكۈزدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب:بۇ ياپونىيەنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلى مەسىلىسىدە قوللانغان يەنە بىر ئىغراگەرچىلىك ھەرىكىتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. يەنە تەكىتلەيمەنكى، ياپونىيە يەككە تەرەپلىك قانۇنسىز مەيدانىنى مەيلى قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق تەشۋىق قىلمىسۇن، دياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بىز ياپونىيەنىڭ تارىخقا ۋە پاكىتقا توغرا قاراپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، تالاش-تارتىش ۋە مەسىلىنى سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق تىزگىنلەش ۋە ھەل قىلىش يولىغا قايتىشقا قەتئىي دەۋەت قىلىمىز. (تاڭ شۇچۈەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر