باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش

2013.12.13 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەش ئاپتونوم رايوننىڭ 2013–يىللىق خەلق تۇرمۇشىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

  ‹‹يول يۈرۈش قىيىن بولۇش›› مەسىلىسى بىلەن خوشلىشىش نەزەر دائىرە تېخىمۇ كېڭەيدى، تۇرمۇش تېخىمۇ قولايلاشتى

  ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىزاڭ موتودا بۇ يىل تاشيول ياسىلىپ قاتناش باشلاندى، بۇ موتونىڭ ئەمدى ‹‹ئېگىزلىكتىكى يالغۇز ئارال›› بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان بوۋاي سىرېنچۈنپېي: بىزدەك ياقا يۇرتتا ياشاۋاتقان موتولۇقلارنىڭ پات – پات ئۆيگە قايتىپ، يۇرتنى يوقلاپ تۇرۇش ئارزۇيىمىز ئەمدى ئەمەلگە ئاشتى، دېدى.

  شىزاڭ چاڭدۇ ۋىلايىتى رېبا كەنتىدىكى شياڭباچۈجېن بۇ يىل ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سىيرىلما ئارقان بىلەن خوشلاشتى، شىزاڭدا يەنە 40 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان، چارۋىچى ئۇنىڭغا ئوخشاش نەپكە ئېرىشتى. جەمئىي 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ‹‹سىيرىلما ئارقاننى كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىش›› قۇرۇلۇشى بۇ يىل تاماملىنىپ، شىزاڭدىكى چەت، يىراق ئېگىزلىك، جىلغىلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان 84 سىيرىلما ئارقان تارىخىي يادىكارلىققا ئايلاندى.

  نىڭشيادا بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان 110 كۆچمەنلەر كەنتىنىڭ ھەممىسىدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى قاتناپ، كەنتتىكىلەر 3 كىلومېتىرمۇ ماڭمايلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرالايدىغان بولدى. نىڭشيا كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كەنتىدە يەنە 30 يېزا يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇس بېكىتى ياسالدى، يېڭىدىن 58 ئاپتوبۇس كۆپەيتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

  گۇاڭشىنىڭ شىلىن ناھىيەسى پۇخې يېزىسى جېدى كەنتى شياۋېيلەي مەھەللىسىدىمۇ بۇ يىل زور ئۆزگىرىش بولدى، مەھەللىگە كەڭ سېمونت يول ياسىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىلدى. كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شيۇيىڭ خۇشال ھالدا: ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ يولى پۈتۈنلەي توپا يول ئىدى، يامغۇر ياغقاندا پاتقاق بولۇپ ماڭغىلى بولمايتتى. ھازىر ئىشىك ئالدىمىزغىچە سېمونت يول ياسىلىپ، يول يۈرۈشىمىز ئاسانلاشتى، دېدى.

  ‹‹كېسەك ئۆي›› بىلەن خوشلىشىش ئەمىن ئۆيدە قەلبلەر ئىللىدى

  شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسىدىكى ئابلىمىت ئەمەر بۇ يىل 11 – ئايدا ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ ئۆيگە پار ئورنىتىلغانىدى. ئىلگىرى ئابلىمىت ئەمەر ئائىلىسىدىكى بەش جان 60 كىۋادرات مېتىرلىق كېسەك ئۆي ۋە كونا خىش ئۆيدە 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرغانىدى. 2012 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەر مىللەت دېھقان چارۋىچىلار ئابلىمىت ئەمەرگە ئوخشاش خەتەرلىك كونا ئۆي بىلەن خوشلىشىپ، پۇختا، ئازادە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇ شەھىرىدىكى بېيلياڭ كەپىلىك مەھەللىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە كۆچۈپ چىققان ياڭ لىجۈننىڭ يېڭى ئۆيدە تۇرۇۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، ئۇ خۇشال ھالدا: يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، قەلبىمىز ئىللىدى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى، دېدى.

  بېيلياڭ كەپىلىك مەھەللىسىنىڭ كۆلىمى 13 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە شەھەردىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەڭ چوڭ كەپىلىك مەھەللىنىڭ بىرى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيلياڭ كەپىلىك مەھەللىسىدە 5468 يۈرۈش ئەمىن ئۆيدە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 230 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بىر يىلدا 12 مىڭ 900 ئائىلىلىك كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ يىل قىشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ، ئىسسىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىدىكەن.

  شىزاڭدىكى نامرات دېھقان – چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زاڭزۇ كالىندارى بويىچە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان يېڭى يىل شۈبھىسىزكى بىر ئىللىق يېڭى يىلدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغان شىزاڭدىكى 22 مىڭ نامرات دېھقان، چارۋىچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرى بۇ يىل تاماملاندى، تەخمىنەن 100 مىڭ دېھقان، چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  نىڭشيادا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم نىشانىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلدىن 2015 – يىلىغىچە، نىڭشيا تۈرلۈك كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 131 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىڭشيا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى پائال كۈچەيتىپ، بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 52 مىڭ 161 يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان.

  نەننىڭدا بۇ يىل بىر تۈركۈم ‹‹سۇ ئۈستىدە ياشىغۇچىلار›› قىرغاققا چىقىپ ماكانلاشتى. سۇ ئۈستىدىن قىرغاققا كۆچۈپ ماكانلاشقان مەي چۈچيەن: ئائىلىمىزگە 124 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، خۇددى بايرام بولغاندەك خۇش بولدۇم، ئاخىرى سۇدا لەيلەپ ياشاشتىن قۇتۇلدۇق. ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم قىلىپ، بىزنى زور غەمدىن خالاس قىلدى، دېدى.

  ‹‹قاراڭغۇ كېچە›› بىلەن خوشلىشىش توكسىز رايونلارغا توك يەتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن ئائىلە نەپكە ئېرىشتى

  2013 – يىلى شىزاڭدا ‹‹ئالتۇن قۇياش›› قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى توكسىز رايونلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە توك يەتكۈزۈلۈپ، توك يەتكۈزۈلمىگەن ئاھالە ۋە كەنت دەرىجىلىك جامائەت سورۇنلىرى، مەكتەپ، ئىبادەتخانا، ئۇچاستىكىلارنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

  بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىچكى موڭغۇلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ‹‹توكسىز ئاھالە››لەردىمۇ توك يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئېلېكتىر تورىنىڭ توكىنى يەتكۈزۈش ۋە ‹‹شامال ئېنېرگىيەسى ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش››تىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق ‹‹ھەممە ئائىلىگە توك يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چەت، يىراق جايلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇ يىل 12 – ئاينىڭ بېشىغىچە ‹‹ھەممە ئائىلىگە توك يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملاندى.

  ‹‹مەكتەپكە بېرىش قىيىن بولۇش›› مەسىلىسى بىلەن خۇشلىشىش مائارىپ تەدبىرلىرى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

  بۇ يىل كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندا، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 3000دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى تيەنجىن شەھىرى يېڭىدىن سېلىپ بەرگەن تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە كۆچۈپ كېلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە 2012 – يىلى 30 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇغانلار 5000غىمۇ يەتمەي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان.

  شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۈچ ئۆلكە، شەھەرنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆلىمى چوڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش تۈرىنى يولغا قويدى، يەتتە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنى يېڭىدىن سالدى ۋە كېڭەيتىپ سالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل 9 – ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز ئوقۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى.

  شىزاڭدا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە يولغا قويۇلغان تاماق، ياتاق، ئوقۇش ھەققىنى ھۆددە ئېلىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش›› سىياسىتىدە يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئۆلچەم يەنە 200 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغان بولدى، يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاجرىتىلىدىغان ئوتتۇرىچە ياردەم ئۆلچىمى 2700 يۈەنگە يېتىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – دېكابىر تېلېگراممىسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر