باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>يېڭى يىپەك يولى

بىر ئۇچى دېڭىزغا، يەنە بىر ئۇچى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشقان (1)

2013.12.13 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورتاق يىپەك يولى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا زىيارەت قۇمۇل (1)

  سەھىپە سۆزى

  بۆگۈن، شىنجاڭ گېزىتى ئىنچىكە پىلانلاپ تەشكىللىگەن ‹‹ئورتاق يىپەك يولى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا زىيارەت›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 9 – ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن يىپەك يولىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە مۇھىم دەرۋازىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇش شىنجاڭنىڭ مۇھىم تارىخىي پۇرسىتى، شىنجاڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى قۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى پائال چۆرىدەپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتى قابىل خادىملارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، قەدىمكى يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە ئەۋەتتى. زىيارەت شىنجاڭ، ئىچكى ئۆلكىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، يۈرۈشلۈك خەۋەر بىلەن مەخسۇس تېمىدىكى خەۋەر بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل قوللىنىلىپ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى شانلىق مەنزىرىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، بۈگۈنكى يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، ئالاقە كۈچەپ نامايان قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۆلكە، دۆلەت ھالقىغان زىيارەت پائالىيىتى ئارقىلىق، يىپەك يولى بويىدىكى جايلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق، شۇنداقلا جۇڭگولۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى، ئالاقىسى ۋە ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، جامائەت پىكرى، تەشۋىقات جەھەتتە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇشقا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش مەقسىتىمىزدۇر.

  لى دۇڭمېي، جۇ بىيى، جان ېبېك جاۋدات

  تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن.

  تارىخنى ئەسلىسەك، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە كەلگەن جاڭ چيەن، جاپادىن، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي غەربكە نوم ئالغىلى بارغان تاڭ شۈەنزاڭ، خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ غەربىي چېگرا رايونغا سۈرگۈن قىلىنغان لېن زېشۈيدىن تارتىپ، زور قوشۇننى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يول بويى تال – تېرەك تىكىپ ماڭغان زو زۇڭتاڭغىچە، مەشھۇر مەرتىۋىلىك جەمەتلەردىن تارتىپ ئۇششاق تىجارەتچىلەر شىنجاڭغا كىرىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىبارەت بۇ ئۆتەڭدىن ئۆتكەندە، بۇ جايغا چۈشكۈن قىلىپ، ھاردۇقىنى ئالغاندىن كېيىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى زاماندا قەدىمىي يىپەك يولى قانداق يول ئىدى؟ تاغ – داۋانلاردىن ئېشىشنى دېمەيلا تۇرايلى، جاننى ئېلىپ مالنى بۇلايدىغان قاراقچىلار كىشىنى ۋەھىمىگە سالاتتى!

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىدىن تارتىپ شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىگىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈريول ياساش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەپسۇس ئەينى چاغدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا قالغان جۇڭگودا ھەر قانداق ياخشى تەسەۋۋۇر بولسىمۇ، روياپقا چىقىشى بەسى مۈشكۈل ئىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر