باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ يەر ئىسلاھاتى يەرنى خالىغانچە ئېلىپ-سېتىش دېگەنلىك ئەمەس

2013.12.13 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ سۈنجىننىڭ مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسى ھازىر دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-تۈزۈملەرگە ئاساسلانغاندا، يېزىلاردىكى تۇرالغۇ يەرلەر ئەسلىدە كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى دېھقانلارغا ئۆي سېلىش ئۈچۈن تەقسىم قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەقەت ئەسلىدىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئادەملىرىلا بۇ تۇرالغۇ يەرنى ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىغا تەۋە ئەمەس كىشىلەر مەيلى بۇ تۇرالغۇ يەرلەرنى سېتىۋالسۇن ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىگە بولسۇن، ھەممىسى قانۇنسىز بولۇپ، قانۇن جەھەتتىن قوغدالمايدۇ.

  خۇ سۈنجى: يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ يەر تۈزۈمىگە كەلسەك، ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تۇرالغۇ يەرلەرنى خالىغانچە ئېلىپ-سېتىشقا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ يەر ھوقۇقىدا، ئىگە بولۇش ھوقۇقى بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، لېكىن پايدىلىنىش ھوقۇقى تولۇق نامايان بولمىدى. شۇڭلاشقا، كېيىنكى قەدەملىك يېزا تۇرالغۇ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، ئالدى بىلەن تۇرالغۇ يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۆۋەتتە يېزا تۇرالغۇ يەرلىرىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش جەھەتلەردە ساقىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۇرالغۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرالغۇ يەرلەردىكى دېھقانلار تۇرالغۇسىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك تاپاۋەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم (چېن رېنزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى).

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر