باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ پارس قولتۇقى ئەللىرىنى قايىل قىلالىشى تەس(1)

2013.12.13 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 7-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھاگېل بەھرەيىننىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەنامەھ سۆزلىشىشىدە سۆز قىلغاندا: پارس قولتۇقىدىكى ئىتتىپاقداش ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا پارس قولتۇقى رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. دېدى.

  ئۆتكەن ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، ئىران قىسمەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش بەدىلىگە غەربنىڭ ئۆزىگە يۈرگۈزگەن قىسمەن جازاسىنى بوشاتتى. كېلىشىم سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشىشى بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيىسىنى تارايتىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى. ئىران پۇت قولىنى ئۇزۇن يىل چۈشەپ قويغان جازادىن قۇتۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىسادى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، ھەربىي كۈچى تەدرىجىي كۈچىيىدۇ، بۇ ئارقىلىق پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.

  يۇقارقى گۇمانلارغا قارىتا، ھاگېل مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە مالىيەنى قىسىش سەۋەبلىك پارس قولتۇقىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئازايتمايدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە داۋاملىق تايىنىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرىگە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاتا قىلىدۇ.

  مەنامەھ سۆزلىشىشىدىن بۇرۇن، ھاگېل بەھرەين دېڭىز ساھىلىدە توختىتىپ قويۇلغان ئامېرىكىنىڭ ترانسپورت پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ پاراخوتتا ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقى ئاسان ئوت ئالىدىغان خەتەرلىك رايون، لېكىن ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇ جايغا كەسكىن ئارىلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئىراننىڭ يادرو قورالى پىلانىدىن سەمىمىي نىيەت بىلەن ۋاز كەچكەن كەچمىگەنلىكىنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت. كەلگۈسى يېرىم يىلدا، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ھاگېل يەنە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىشى باشقا رايونلاردىن چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىققا نەسىھەت قىلدى.

  ھاگېل سۆزلىشىشتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيلىرىنىڭ پارس قولتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى 35 مىڭدىن ئاشىدىكەن. 2011-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يەنىلا ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 40 پاراخودى ۋە ئالتە مىڭ ئەسكىرى قالغان، ھازىر ئامېرىكا 580 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى بەشىنچى فلوتنى كېڭەيتىشكە ئاجراتقان. ئامېرىكا ئارمىيىسى بەشىنچى فلوتىنىڭ قوماندانلىق شتابى مەنامەھدە، مەركىزى قوماندانلىق شتابى قاتاردا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قۇرغان. ھازىر، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تۇرۇشلۇق ئەسكىرى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت كۇۋەيت بولۇپ، تەخمىنەن 15مىڭ ئەسكىرى بار. نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغاندىن سىرت، ئامېرىكا يەنە پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. ھاگېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2007-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرىگە جەمئىي 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىپ بەرگەن. پارس قولتۇقى رايونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورالياراق بازىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ئەلبەتتە ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر