باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-ئايدا خەجلەنگەن پۇلنىڭ ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن (1)

2013.12.13 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 11-دېكابىر بۇ يىل 11-ئايدىكى مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 12-ئايدا خەجلەنگەن پۇل ئىككى تىرىليون 493 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن يىللىق چىقىم نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، بۇلتۇر 12-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمى ئىككى تىرىليون 81 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان، زور دەرىجىدە ئاشقان سانغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە كۆپ پۇل خەجلەش دولقۇنى كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمى جەمئىي 11 تىرىليون 469 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 980 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئېشىپ، %9.3 يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئۆز دەرىجىلىك چىقىمى بىر تىرىليون 774 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان؛ يەرلىكنىڭ مالىيە چىقىمى توققۇز تىرىليون 695 مىليارد يۈز مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان.

  بۇ يىل مالىيە مىنىستىرلىقى چىقارغان «2012-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ھەم بۇ يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»قا قارىغاندا، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆزلىمە مالىيە چىقىمى 13 تىرىليون 963 مىليارد يۈەن بولىدىكەن. بۇ ھېساب بويىچە، بۇ يىل 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە خەجلەنگەن پۇل ئىككى تىرىليون 493 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي چىقىمنىڭ %17.86 نى ئىگىلەيدىكەن.

  مۇخبىر مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ماتېرىيالنى كۆرۈپ، 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا پۈتۈن مەملىكەت مالىيە چىقىمىنىڭ 10 تىرىليون 489 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغانلىقى، شۇ يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمىنىڭ 12 تىرىليون 571 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى، يەنى 2012-يىلى 12-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمىنىڭ ئىككى تىرىليون 81 مىليارد 600 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي چىقىمنىڭ %16.56 نى ئىگىلىگەنلىكىنى بايقىدى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمى ئىككى تىرىليون 81 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغاندىن بۇ يىل 12-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمىدا خەجلەنگەن پۇلنىڭ ئىككى تىرىليون 493 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىشىگىچە بولغان جەرياندىن قارىغاندا، يەككە ئايلىق چىقىمنىڭ مۇتلەق سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 411 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان. يەنە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە ئايلىق ئوتتۇرىچە چىقىمى بولغان بىر تىرىليون 42 مىليارد 700 مىليون يۈەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 12-ئايدىكى چىقىم سوممىسى بۇرۇنقى ئايلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن 2.39 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، ئالاقىدار تارماقلار بىر مەزگىلدىن بۇيان، يىل ئاخىرىدىكى بەس-بەستە پۇل خەجلەش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا تېرىشىپ كەلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر