باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران بىر ئەنگلىيەلىك جاسۇسنى قولغا ئالدى

2013.12.16 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ھۆكۈمىتى 14-دېكابىر بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كېرمان شەھىرىدە ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى ئاخبارات 6-باشقارمىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر جاسۇسنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيە بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئالدىنقى ئايدا ئۆز ئارا ۋاقىتلىق ۋاكالەتچى ئەۋەتىپ دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، بۇ قېتىم جاسۇس قولغا ئېلىش ۋەقەسى-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىغا يېڭى ئۆزگىرىش قوشتى.

  كېرمان ئىنقىلاب سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دادھۇدا سارالى مۇنداق دېدى: بۇ جاسۇس گۇماندارى ئىران پۇقراسى، نۆۋەتتە سوراق قىلىنىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئىقرار قىلدى. گۇماندار ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ تۆت ئاخبارات ئەمەلدارى بىلەن 11 قېتىم ئۇچراشقانلىقى، ئۇچرىشىشنىڭ بەزىدە ئىراندا، بەزىدە چەتئەلدە بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر