باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاسقا يولۇچىلار پويىزى قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ

2013.12.18 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى–قورغاس ئارىلىقىدا 24–دېكابىردىن باشلاپ ھەر كۈنى قوش يۆنىلىشتە يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا سودىسىدىكى مۇھىم بازار قورغاسقا يولۇچىلار پويىزى قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، 24 – دېكابىردىن باشلاپ ھەر كۈنى قوش يۆنىلىشتە يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ھازىر ئۈرۈمچى – غۇلجا ئارىلىقىدا قاتناۋاتقان 6/5815 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ لىنىيەسىنى قورغاس پورتى ۋوگزالىغىچە ئۇزارتىدىكەن، 6/5815 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى يەنىلا ھازىرقى يۈرۈش جەدۋىلى بويىچە قاتنايدىكەن، ئاخىرقى بېكىتى غۇلجا ۋوگزالىدىن قورغاس ۋوگزالىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن سائەت 21دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، ئەتىسى سائەت 8دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن، غۇلجا ۋوگزالىدىن سائەت 8دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 9دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە قورغاس ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ شۇ كۈنى سائەت 18دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە قورغاس ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، ئەتىسى سائەت 7دە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىدىكەن. يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش مۇساپىسى 687 كىلومېتىر، قاتناش ۋاقتى 12 سائەت 54 مىنۇت بولىدىكەن.

  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان 6/5815 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ سېتىلىدىكەن، بېلەتنى ئالاقە تورى، تېلېفوندا ئالدىن زاكاز قىلىش مۆھلىتى 20 كۈن، ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا ئالدىن زاكاز قىلىش مۆھلىتى 18 كۈن بولىدىكەن.

  2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا قورغاس پورتى ئارقىلىق يۈك پويىزى قوش يۆنىلىشتە قاتنىغاندىن كېيىن، ئالاتاۋ تۆمۈر يولىدىن قالسىلا، بۇ تۆمۈر يول ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن 2 – خەلقئارا تۆمۈر يول لىنىيەسىگە ئايلاندى. قورغاس جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇن غەربكە ئېچىۋېتىلگەن پورتى بولۇپ، ھازىر غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە توشۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ 1 – دەرىجىلىك تاشيول پورتىغا، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان، تاشيول، تۆمۈر يول، تۇرۇبا يولىنى بىر گەۋدە قىلغان ئەڭ يېقىن، ئەڭ قولايلىق خەلقئارا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر