باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىدە چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بايقالدى

2013.12.18 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ 2 – سۇ رايونى قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئۇنىۋېرسال ھېدروگېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش نىشان رايونىدىن ئىككىنى بايقىدى، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىشقا بولىدىغان كۈنلۈك يەر ئاستى سۈيى مىقدارىنىڭ 420مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

  ئىككى نىشان رايونى ئۇلۇغئاتا دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن كۈسەن دەرياسىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ، بۇ ئىككى نىشان رايونىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى مول، دۆلەتنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە سترونتسىي تىپىدىكى مىنېرال سۇدىن ئىبارەت.

  قەشقەر شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لېي چۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹قەشقەر شەھىرى سۇ كەمچىل رايون، سۇ بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسلىقى يەر ئاستى سۈيىگە تايىنىدۇ، سۇ مىقدارى ناھايىتى ئاز، ھازىر سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن جىددىي. قەشقەر شەھىرى قۇملۇق بىلەن چۆللۈك تۇتاشقان تىپىك بوستانلىق، سۇ مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئالاھىدە، شۇنداقلا ئاجىز. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن تېپىلغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئېچىشقا بولىدىغان كۈنلۈك سۇ مىقدارى 1200 كۇب مېتىر بولۇپ، ناھايىتى ئاز››.

  شىنجاڭ گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ 2 – سۇ رايونى قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى نەي ۋېيخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قېتىم تېپىلغان ئىككى ئورۇندىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېقىنقى ۋە ئۇزاق مەزگىلگىچە بىر مىليون نوپۇس ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد بار. داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى مەزگىللىك نىشانغا يېتىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا 1 مىليون 110 مىڭ نوپۇسنىڭ كۈنلۈكى 120 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئىستېمال قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ يىراق مەزگىللىك نىشان، يەنى 2030 – يىلى نوپۇس 1 مىليون 560 مىڭغا يەتكەندە، يەنىلا كۈنلۈكى 320 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى قامداپ، قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا – ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ››.

  نەي ۋېيخۇا مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر مۆلچەرلەنگەن سۇ ئېلىش مىقدارى سۇ مەنبەسى رايونىنى قوغداپ، ئايلانما سىجىل ئېچىش شەرتى ئاستىدا بېكىتىلگەن. شۇڭا بۇ ئىككى ئورۇندىكى سۇ مەنبەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى سۇ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر