باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئېسىل ئىستىلىمىز بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك

2013.12.16 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج ك پمەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە سىياسىي بىيۇرودائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى بېيجىڭدا ئايرىم ھالدا ئۆزى ئالاقە نۇقتىسى بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى،1-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە 2-تۈركۈمدىكىپائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  9-دېكابىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە خېبىي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى- ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئارقىدىنلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، جياڭسۇئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بۇ يىل 7-ئاي ۋە9-ئايدا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىئۆز ئالاقە نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتبەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. تۈزەش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈم ئورنىتىش ھالقىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى پائالىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تۈزەش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر