باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭئې-3 نىڭ قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتى بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە تارتتى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاي شارىدا جەۋلان قىلدى(1)

2013.12.16 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 15-چېسلا كەچتە، ئاي شارىدا تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان چاڭئې ــــ3نىڭ قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتى بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە تارتتى، چاڭئې-3 ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. كەلگۈسىبىرقانچە كۈندە، «قاشتاش توشقان» ناملىق چارلاش ئاپپاراتى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە،قونۇش ئاپپاراتىنى داۋاملىق ئايلىنىدۇ ھەم بىر-بىرىنى ئوخشاشمىغان نۇقتىلاردىن كۆپ قېتىم سۈرەتكە تارتىدۇ. سۈرەتتە: بېيجىڭ ئۇچۇش-كونترول مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا چاڭئې ــــ 3 نىڭ قونۇش ئاپپاراتى تارتقان «قاشتاش توشقان» ناملىق چارلاش ئاپپاراتىنىڭ سۈرىتى كۆرسىتىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 15-چېسلا كەچتە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىدا جەۋلان قىلغان كۆرۈنۈشى تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. جۇڭگو ئاي تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى ما شىڭرۇي چاڭئې ــــ3 ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  چارلاش ئاپپاراتىنىڭ بۇ سۈرىتىنىشۇ كۈنى ئەتىگەندە قونۇش ئاپپاراتى تارتقان. سائەت 23 ئەتراپىدا قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتىتۇنجى قېتىم بىر-بىرىنىسۈرەتكە تارتتى.

  سۈرەتتە:ئاي شارىخۇڭۋەن رايونىدىكىشېغىلۋە چاڭ-توزانلىق قارامتۇل يەر يۈزىدە تۇرغان قونۇش ئاپپاراتى قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراپ تۇراتتى، چارلاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى.(بەي رۇيشۆ، جاۋ ۋېي، لى شۈەنلياڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر