باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-ئايدا خەجلەنگەن پۇلنىڭ ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن (2)

2013.12.13 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى باج ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، پىروفېسسور ساۋ مىڭشىڭ قانۇن قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، پەقەت خەجلەنگەن پۇللا خامچوت تەۋەسىگە كىرىدۇ، بۇنىڭدا مەسىلە يوق دېدى. لېكىن ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار تارماقلار يەنىلا يىرىك خامچوتنى ئىمكانقەدەر توسۇپ، خامچوت تۈزۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خامچوت باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ساۋ مىڭشىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يىل ئاخىرىدىكى بەس-بەس بىلەن پۇل خەجلەشتە بەلگىلىك مۇۋاپىق ئامىل بار، شۇڭا بۇنى بىر تاياق بىلەن ھەيدەشكە بولمايدۇ. بىر قىسىم خامچوت تۈرلىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تىزگىنلىگىلى، ئالدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بەزىدە ھەقىقەتەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋاقتىدا ئىش باشلانماسلىق ياكى قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ھەتتا ۋاقىتلىق خامچوت كۆپەيتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خامچوت مەبلىغىنى چىقىم قىلىش سۈرئىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي قاتتىق تۈزۈم چىقىرىپ، ھەر ئايدىكى خامچوت چىقىمىغا يىل بېشىدىلا بىر مۇقىم چىقىم كۆرسەتكۈچى بېكىتىپ قويۇشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ بەزىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بىراق ساۋ مىڭشىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەس-بەستە پۇل خەجلەش ئاساسلىقى يەنىلا يىرىك خامچوت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە ھەر ئايدىكى خامچوت چىقىمىغا قاتتىق كۆرسەتكۈچ چىقىرىش تەس بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تارماقلار يېرىم يىل ياكى پەسىل بويىچە، ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ ياكى ئارىلىق قىممىتىنى بېكىتىپ، خامچوتنىڭ مۇۋاپىق چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خامچوت چىقىمىنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، پۇلنى تېخىمۇ مۇۋاپىق خەجلەپ، ئىشلىتىش جەريانىنى تېخىمۇ چىڭىتىشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم كېلەر يىللىق خامچوت كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىل ئاخىرىدا خامچوت مەبلىغىنى قالايمىقان خەجلەش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

  مالىيە مىنىستىرلىقى 11-دېكابىر ئېلان قىلغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مالىيە كىرىم ئەھۋالىدىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى 912 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 125 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئېشىپ، %15.9 يۇقىرى بولغان.

  1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى 11 تىرىليون 965 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر تىرىليون 74 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئېشىپ، %9.8 يۇقىرى بولۇپ، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئېشىشى كۆلىمى 0.5 ئۆستى، لېكىن ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى پوئېنت تۆۋەنلىدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا، مەركەز مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش كۆلىمى تەدرىجىي ئۆرلەشكە باشلىدى، بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ تەدرىجىي ئېشىشى، سودا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ھەم بىر قېتىملىق كىرىمنىڭ خەزىنىگە كىرىشىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئالاھىدە ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولدى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى نىسبەتەن مۇقىم بولدى، ئومۇمىي ئېشىش كۆلىمى مەركەز مالىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆي مۈلۈك كەسپىدىكى پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئالاقىدار يەرلىك باجلارنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىمپورت ھالقىلىرىدىكى باجنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش كۆلىمى يەنىلا خامچوت نىشانىدىكى 0.5 پوئېنتتىن تۆۋەن بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر