باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارگېتنتىنادىكى بۇلاڭ-تالاڭدا ئاساسلىق جۇڭگولۇقلار ئاچقان تاللا بازارلىرى بۇلاندى

2013.12.16 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىدىن كېلىپ چىققان ئارگېنتىنادىكى بۇلاڭ-تالاڭ 12-دېكابىر پەيدىن-پەي تېنجىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەن 20 ئۆلكىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىش تاشلىغان ساقچىلار بىلەن مائاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، لېكىن غەربتىكى قىسمەن ئۆلكىلەر يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا، ھازىرغىچە، بۇ بۇلاڭ-تالاڭ دولقۇنىدا 12 كىشى قازا قىلدى، نەچچە يۈز كىشى يارىلاندى.

  ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى ئارگېنتىنادا ھەمىشە ئامانلىق ساقلاش جىنايىتى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، سودا دۇكانلىرىنى بۇلاش ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىدۇ، لېكىن بۇ يىل ئىقتىسادى ۋەزىيەت ناچار بولغانلىقتىن، بۇ خىل ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ساقچىلار ئىش تاشلىغانلىقتىن، ئامانلىقنى قوغدايدىغان ئادەم قالمىدى، ئاخىرىدا مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

  بۇلاڭ-تالاڭ قىلمىشى سەۋەبلىك ئارگېنتىنانىڭ سودا ئىشلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئارگېنتىنادا چىقىدىغان مىللەت گېزىتىنىڭ ئارگېنتىنا سودا بىرلەشمىسى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، مۇئەللىمانچىلىقتا 14 ئۆلكىدە 1888 دۇكان بۇلانغان. قىسمەن جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇكانلىرى ۋە تاللا بازارلىرى زەربىگە ئۇچرىغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان تەخمىنەن 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  بۇ يىللىق بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسىنىڭ كۆپىنچىسىدە تۆۋەن كىرىملىك قاتلامدا ياشايدىغان نامراتلار رايونىغا يۈز بېرىپ، تېز سۈرئەتتە يامراپ زور كۆلەملىك پارلاشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. مۇئەللىمانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە شۇ جايدىكى تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇنازىرىسى ئۈزۈلمىدى، لېكىن ئاساسەن ھاسىل قىلغان ئورتاق قاراش- ئارگېنتىنادا پۇل پاخاللاشقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن خەلقنىڭ غەزىپى كەلگەنلىكى، ئۇزۇندىن بېرى توپلىنىپ قالغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادى مەسىلىلەر بىلەن ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىدىن ئىبارەت تاسادىپىي ۋەقە بىرلىشىپ، ۋەزىيەتتە مەركەزلىك پارلاشنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدا.

  ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى مۇنداق دەپ قارىدى: نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى بىلەن مالىمانچىلىقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. بۇنىڭ كەينىدە يوشۇرۇن قول بار. ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى كىرىستىنا 10-دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق پىلانلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى، دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسى تاشقى ئوپېراتسىيەگە ئوخشاش ئىنچىكە پىلانلانغان.

  ئارگېنتىنانىڭ باش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كاپىتاناچ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىن ساقچى سىستېمىسى، بۇلاڭ-تالاڭغا قاتناشقان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار، زەھەر سېتىش شايكىلىرى ھەمدە مۇئەللىمانچىلىقنىڭ كەينىدىكى مەبلەغ بىلەن قوللىغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىدىن كېلىپ چىققان ئامانلىق ساقلاش بوشلۇقى بۇ قېتىمقى بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسىنىڭ كاتالىزاتورى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئارگېنتىنا مەركىزى ھۆكۈمىتى ئامانلىق ساقلاشتىكى ئاجىز ئۆلكىلەرگە ژاندارمىلارنى ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ئىش تاشلىغان ساقچىلار بىلەن تېزدىن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئىش چىققان 20 ئۆلكىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى 3 ئۆلكىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىش تاشلىغان ساقچىلار بىلەن مائاشنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋەزىيەتنى تېزدىن تىنجىتىشقا پايدىلىق. لېكىن بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى چوڭ. بۇ قېتىم ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلارنىڭ مائاشى %80 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلدى، بۇ كېلەر يىللىق ھۆكۈمەت خامچوتىنىڭ بۇ يىلقىدىن تەخمىنەن 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  گەرچە ۋەزىيەت تىنچىغان بولسىمۇ، لېكىن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روژدېستۋو بايرىمىدىن بۇرۇن بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشى مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدىكەن، ھازىر بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تور ئارقىلىق يەنە ئىش تېرىش پىلانى قىلماقتا ئىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ئارگېنتىنا بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاللا بازارلىرىنى بۇلىغانلارنى قولغا ئالدى.

  تارىختىن قارىغاندا، ئارگېنتىنادا ھەر قېتىم جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاللا بازارلىرى بولۇنىدۇ. مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ 58 تاللا بازىرى زەربىگە ئۇچرىغان، 28دە زىيان ئېغىر بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بويىنىس ئايرېس ئۆلكىسىدىكى بىر جۇڭگولۇقنىڭ تاللا بازىرىغا قارا نىيەتلەر ئوت قويۇۋەتكەن، تاللا بازار ئىگىسى بەختكە قارىشى قازا قىلغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى. جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى ۋېي ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولغاندا ئارگېنتىنا تەرەپكە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەسكەرتتى، ئارگېنتىنانىڭ مەسئۇل تارماقلىرى بۇنىڭغا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈردى.

  بەزىلەرنىڭ تور ئارقىلىق روژدېستۋو بايرىمىدىن بۇرۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ تاللا بازارلىرىنى بۇلاشقا ئادەم يېغىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە قارىتا، ئېلىمىز ئەلچىخانىسى ئارگېنتىنا ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ۋە سۆزلەشتى.

  جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى جۇ جىڭياڭ مۇنداق دېدى: مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ژاندارمىلارنى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاشقا ئەۋەتىشى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئىش تاشلىغان ساقچىلار بىلەن كەينى-كەينىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئارگېنتىنانىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز مۇقىم ھالەتكە كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر