باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئەندىزىسىگە نەزەر

2013.12.16 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەزىرى ئۆتكۈر خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يەنىلا خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى باش قەھرىمان بولدى.

  ئومۇمىي نوپۇسى 300 مىلياردقا يېقىنلىشىدىغان، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يەر شارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بۇ رايون ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنى داۋاملىق يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان پاراۋوز ھەم كۆپ خىل كۈچ ئۆزلۈكسىز كۈچ سىناشقان قىزىق نۇقتىلىق رايون بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەنىمىگە ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ياپونىيەدىكى مىللەتچى دائىرىلەر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ، ھەربىي تەۋەككۇلچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، رايون ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى قوزغىدى.

  ياپونىيە تارىخ، زېمىن ماجىراسىنى ئۆزلۈكسىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوزغاپ، كورىيە، جۇڭگو قاتارلىق ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى، بەزى غەربلىك ئەربابلار نۆۋەتتىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتىنى 1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ياۋروپا ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى ۋاردىن بېللو ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى نۇقتىلىق تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئاجىز تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيىتى ئاساسلىقى ئۈچ خىل كۈچنىڭ مۇجەسسەملىشىشى ۋە سوقۇلۇشىدىن بولدى، يەنى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ياپونىيە ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغمىچىلىق ھەرىكىتى دېدى.

  بۇنداق لوگىكا بويىچە سېلىشتۇرغاندا، كىم يېڭى ئەسىردىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ئەينى يىللىرى گېرمانىيە رول ئالغاندەك رول ئالالايدۇ دېگەن بىر گۇماننى پەيدا قىلدى. پەقەت كۆزەتكۈچىلەر يېتەرلىك ئوبيېكتىپ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرسىلا، بۇ رولنىڭ سېلىشتۇرمىسىنىڭ دەل بۈگۈنكى دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ياپونىيەگە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.

  شۇنىسى ئەجەبلىنەرلىكى، ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئاسو تارو قىلچە تەپ تارتماستىن ئابى شېنزو ھاكىمىيىتى ناتسىستلارنىڭ ۋاسىتىسىنى ئۈلگە قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك دەپ داۋراڭ سالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئابى شېنزو ھاكىمىيىتى ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەممە يەردە سۈنئىي جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، رايون ئوت پىلتىسىنى مۇبالىغە قىلدى شۇنداقلا بىر يۈرۈش ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەتتا ياپونىيە ئارال تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشتىن يانمايدۇ دەپ ئاشكارا سۆزلىدى. ھەتتا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلار تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئىنكار قىلغان ئابى شېنزو ياپونىيەنى قايتىدىن ئۇرۇش يولىغا سۆرەپ كىرىۋاتىدۇ دەپ گۇمانلاندى.

  ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىق يولىغا مېڭىش مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ياپونىيەگە داۋاملىق يۇمشاق قوللۇق قىلىشىنى مەلۇم جەھەتتىن 21-ئەسىرچە تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى دېيىشكە بولىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىمۇ قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ، ھەربىي ئىشلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلارنى تەڭ تۇتۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى. بۇ تەڭشەش يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالمىشىشى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى ئالدىنقى يۈزلىنىشىدە گەۋدىلەندى. ھالبۇكى، دەل بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن چىقارغان سىگنالى بىلەن زىت بولۇپ، بۇرۇلۇش ئىستراتېگىيەسى ئۆزىنىڭ بېشىنى قايدۇردى شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى، بولۇپمۇ ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر دائىرىلىرىنىڭ ئاغمىچىلىق خاھىشىنى كۈچەيتتى، يەنە ئايلىنىپ كېلىپ ئامېرىكا ئۆز پۇتىغا ئۆزى چۈشەك سېلىپ، يولۋاسقا مىنىۋېلىپ چۈشەلمەي قالدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا-ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق رايونى. ياپونىيەمۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى قالايمىقان قىلماقچى بولۇپ كەلدى. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس يازغۇچىسى فىلىپ سىتىۋىنىس ئامالسىزلىق تۈسىدىكى بىر باھانى بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بىر مۇھىم ئامىل، لېكىن بۇ رايوندا توقۇنۇش پارتلاشنىڭ ئامىلىغىمۇ ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە شەرق مەدەنىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان «يېقىنلىق، سەمىمىيەت، ئېتىبار، سىغدۇرۇش» دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى جاكارلىدى، بۇ-ياپونىيەنىڭ سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى بولغان قىممەت قارىشى دىپلوماتىيەسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. ئامېرىكىنىڭ بۇرۇلۇش ئىستراتېگىيەسىگە قارىتا، جۇڭگو رەھبەرلىرى چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلدى؛ كەڭ تىنچ ئوكياننىڭ يېتەرلىك بوشلۇقى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنى سىغدۇرۇشقا تامامەن يېتىدۇ. بۇ يىل 6-ئايدا، تىنچ ئوكياننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئاننابېرگ قورۇقىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاننابېرگ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى توقۇنۇشمايدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەت دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىش ئۈستىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا، تەڭپۇڭسىزلىق بىلەن تەڭپۇڭلۇق، بۇزغۇنچىلىق بىلەن قايتا قۇرۇش ھەم تۈرلۈك ئىجابىي كۈچلەر تىركىشىدىغان يېڭى ۋەزىيەت پەيدا بولدى. لېكىن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىياسىيسىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ دېگەن بىر مەڭگۈلۈك ئورتاق تونۇشقا كەلگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر