باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك كۆمۈر كان نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ سانجىدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2013.12.16 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 14-دېكابىر دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئوقۇشىچە ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ سانجى كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 13-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇپى ناھىيىسى بەيياڭگۇ كۆمۈر شىركىتىدە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 21 كىشى قازا قىلدى، 1 كىشى يارىلاندى. بۇ كان 6-ئايدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىپ رەتكە سېلىنىۋاتقان، يوشۇرۇن خەۋپلەر تۈزىتىلىۋاتقان ئىدى، ئەمما يوشۇرۇن خەۋپلەر تېخى تۈگىتىلمەي تۇرۇپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ ۋەقە يۈز بەرگەن. دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر قايسى كۆمۈر كانلاردىن گاز پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ، ھەددىدىن ئارتۇق، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر