باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردىن ئېركەشتامغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاندى

2013.12.13 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-دېكابىر سائەت 12:00لەردە، دۆلەت 314-تاشيولىنىڭ ئاتۇش يول بۆلىكى بىلەن ئېركەشتام پورتىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىزى كېسىشكەن جايدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تۇتىشىش ئېغىزىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىۋەتتى. ئېسكىپورت ماللىرى لىق بېسىلغان ئاپتوموبىللار ئېركەشتام ۋە تورغات پورتىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقتى، بۇ قەشقەردىن ئېركەشتام پورتىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى.قەشقەر بىلەن ئېركەشتام پورتى ئارىلىقىدىكى بۇرۇنقى تاشيولنىڭ ئەسلى ئۇزۇنلۇقى 250 كىلومېتىر، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياسالغان بولۇپ، قەشقەردىن قىرغىزىستانغا بارىدىغان مۇھىم سودا يولى بولۇپ كەلگەن.

  قەشقەردىن ئېركەشتام پورتىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 213.9 كىلومېتىر بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى قاتناشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋاكالىتەن ياسىغان بۇ يول قۇرۇلۇشى 2011-يىلى 4-ئايدا باشلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 77.4كىلومېتىر، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول 19.5 كىلومېتىر، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول 117 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن لىنىيە 100دەك كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ ۋە بىر تۇنېل بار. قۇرۇلغان تاشيول قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى تاشيولغا ئۇلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوبوروتىغا ياخشى ترانسپورت شارائىتى يارىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر