باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

400 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي ئەزاسىدىن 228 نەپىرى «ئادىمىگەرچىلىك زىياپىتى يېيىش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى

2013.12.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 12-ئاينىڭ 7-كۈنىگە قەدەر، 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئورۇن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلىپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۆت يېرىم كۈندىن ئارتۇق ئېچىلدى، 128 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، تارماق ۋە ئورۇنلار پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى) رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئىككى يېرىم كۈندىن ئارتۇق ئېچىلدى.

  ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پارتكوملىرىدىكى 27 بەنزە ۋە 291 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى مەنىۋى «نۇقسانى»نى، بەزىدە شەخسىي پايدا-زىيانغا بەك ئېتىبار بېرىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى؛ 31 بەنزە ۋە 334 نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ئېڭى ۋە ئاممىغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كېتىش، يۇقىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۆۋەن بىلەن ئالاقە باغلاشقا سەل قاراش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى؛ 23 بەنزە ۋە 293 نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېتەرسىز بولۇش، پارتىيە تۇرمۇشى بىلەن چېنىقىشى يېتەرسىز بولۇش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى. 6 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 6 مىنىستىرلىق-كومىتېت، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 5 پۇل مۇئامىلە كارخانىسى ۋە مەركەز كارخانىسى بەنزىدە سادىر بولغان زور دېلولارنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلدى، يەنە بەزى ئورۇنلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئىستىل جەھەتتىكى يىلتىزىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.

  400 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي ئەزاسىدىن 228 نەپىرى «ئادىمىگەرچىلىك زىياپىتى يېيىش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى، بىر قىسىم يولداشلار پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق باشقۇرماسلىق مەسىلىلىرىنى، يەنە بەزى يولداشلار ھۆكۈمەت ماشىنىسى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تۈزەتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر