باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 مىليارد يۈەنلىك بېقىش خىراجىتى زادى كىملەرنى بېقىۋاتىدۇ؟(1)

2013.12.16 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى ھېچكىم بىلمەي كەلدى. بۇ يىلغا كەلگەندە ئاندىن 24 ئۆلكە ئارقا-ئارقىدىن بۇلتۇرقى يىغىش سوممىسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، 20 مىليارد يۈەنلىك غايەت كۆپ پۇلنىڭ ئىشلىتىش يولى ھەققىدە يەنىلا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىدى. مۇخبىر تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنى يىغىشتا ساقلانغان ئۆلچەمنىڭ ئېلاستىكلىقى بەك چوڭ بولۇش، يىغىۋالغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇش، قاتلاممۇ-قاتلام سېلىق سېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش ئەھۋاللىرىنى بايقىدى.

  ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىدىكى غايەت كۆپ پۇلنىڭ نەگە كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان يىغىۋالغۇچى تارماقلار باشتىن-ئاخىر بىر مۇۋاپىق جاۋاب بەرمىدى. 2000-يىلى ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى تۇنجى قېتىم ئالاقىدار ھۆججەتلەردە پەيدا بولۇپ، «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان زۆرۈر ئىقتىسادىي چەكلىمە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىر مەھەل ئامما تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ئەسەبىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكتىن، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئارقىدىن كۆپچىلىكتە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن سوممىنى ئاشكارىلاش ۋە بۇ پۇلنىڭ نەگە كېتىش مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش ساداسى ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، 24 ئۆلكە 2012-يىللىق ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىگە تاپشۇرۇلغان ئومۇمىي سوممىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى، بۇ پۇل 20 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، باشقا ئۆلكىلەر يەنىلا ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالماي تۇرۇۋاتىدۇ.

  بىر مەھەل ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەقەت بۇلتۇر يىغىۋالغان بىر مىليارد 456 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي سوممىنىلا ئېلان قىلدى، بۇندىن باشقا ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىمىدى.

  باشقا 23 ئۆلكىمۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئوخشاش، چىقىم ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنى ئېلان قىلمىدى، ئاخىرقى ئىشلىتىش يولىنى بولسا تېخىمۇ ئېلان قىلمىدى. بۇنداق گۇمانلار ئالدىدا، بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى بىلەيمىز دېدى.

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەتراپلىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەشكىللىمىگەنلىكى، بۇ مەبلەغنىڭ ئاخىرقى سانى ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلىمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر