باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئاي پەرىسى» ئۈچىنچى نومۇر خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش دېرىزىسىنى ئېچىپ بەردى

2013.12.17 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاي پەرىسى 3-نومۇردىن 15-دېكابىر كېچىدە خۇش خەۋەر كەلدى. ئاي پەرىسى 3-نومۇرنىڭ قونغۇچى، تەكشۈرگۈچى رەسىم تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئېلىمىزنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى. «ئاي پەرىسى» ئۈچىنچى نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايغا چىقىشى، «ئاي»ناملىق ئاينى تەكشۈرگۈچنىڭ ئېكسپېدىتسىيىنى باشلىشى چەتئەل تاراتقۇلىرىنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسى ئۈزۈلمىدى.

  «ئاي پەرىسى» ئۈچىنچى نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ ئاينى چارلاش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى تېز سۈرئەتتە تارقىتىپ، بۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس بىلدۈردى.

  ئامېرىكىدىكى مەخسۇس تور بېكىتى « ئالەم تورى» ئامېرىكا ئىلاھە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاي شارى ئالىمى كېلەيف نىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاي شارى ئىلمىي ۋە ئىزدىنىشكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئاي پەرىسى» ئۈچىنچى نومۇر ئايغا قونغان كۈن 14-دېكابىر «ئۇلۇغ كۈن، جۇڭگو ۋە ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇر تەتقىقات تۈرى كوللېكتىپىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ قېتىمقى ئايغا قونۇشنى تارىختىكى ئايغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ قالتىسى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى بار.

  ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن ئۈچىنچى بولۇپ ئايغا يېنىك قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت، بۇ جۇڭگونىڭ بوشلۇق پىلانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ زور غەلىبىسى، قەد كۆتۈرۈۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ بوشلۇق پىلانىدا ئىشقا ئاشۇرغان يەنە بىر ناماياندىسى .

  فرانسىيەدە چىقىدىغان «فگارو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇچقاندىن باشلاپ ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇرنىڭ تۈرلۈك ئىلگىرلەشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، جۇڭگونىڭ بوشلۇق بىلىمى ناھايىتى پۇختا.

  نورۋېگىيەدە چىقىدىغان «كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئاي پەرى» ۋە «ئاي»ناملىق ئاينى تەكشۈرگۈچنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانى ھەمدە بۇ ھەقتىكى باھالاردا: «ئاي پەرى»نىڭ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇشى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئالەم ساھەسىدىكى ئورنىنى جەزملەشتۈردى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم ئىشلىرى تارىخىدا يېڭى سەھىپە يېزىپ قالدۇردى.

  فرانسىيە خەۋەرلەر رادىئو ئىستانسىسى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان خەۋەردە، جۇڭگونىڭ ئاينى كۆزىتىش پىلانى ھەقىقەتەن دېگىنىنى قىلغانلىق، بۇ مۇۋەپپەقىيەت جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار ئالەم پىلانىدا مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو 14-دېكابىر 37 يىلدىن بۇيانقى ئايغا يېنىك قونۇشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو ئۆزىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بوشلۇقتا ئىزدىنىشتە مۇھىم رول ئورنىدى. جۇڭگونىڭ بوشلۇق تۈرىدىكى بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىرى، باشقا دۆلەتلەرنى ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

  «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»گە بېسىلغان ماقالىدە جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئايدىكى تەكشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى مىسال قىلىنغاندىن كېيىن ئوبزور ئېلان قىلىنىپ: ھازىر جۇڭگو تېخىمۇ باياشات ۋە تېخىمۇ قۇدرەتلىك دېيىلدى.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى «ئەنئەنىۋى فوند جەمئىيىتى»نىڭ مۇتەخەسسىسى چېڭ بىن تاراتقۇدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزىنى دۇنيانىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ ، بۇ قېتىمقى ئايغا قونۇشنىڭ ئۆزىلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاينى تەتقىق قىلىشىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . جۇڭگونىڭ بوشلۇق پىلانىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ پىلان قوللاشقا ئېرىشكەن، مەبلەغگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان.

  «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئاي پەرىسى» ئۈچىنچى نومۇر ۋە «ئاي»ناملىق ئاينى تەكشۈرگۈچنىڭ ھەممىسى يېڭىچە تەكشۈرۈش ئەسۋابى سەپلەنگەن، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئاينى كۆزىتىشتە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىلمىي بايقاشقا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ گېزىت يەنە ئامېرىكا ئاي شارى ۋە پلانېت تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىمى پائۇل سىپۇدىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇرنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى ئاي ناملىق ئاينى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئايغا قونۇشتىكى مۇھىم بىر ۋەزىپە قونغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار ھازىرلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش.

  ئامېرىكا «بوشلۇق تورى»دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر يىراق بوشلۇققا قانداق كىرىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى، ئۇلار زور قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگو دۇنيا ئالەم ئىشلىرىدا ئەڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر