باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى شەھەر ئاھالىلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2013.12.17 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇرغىچە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %52.57 كە يېتىپ، شەھەر-بازار نوپۇسى 700 مىليوندىن ئاشتى. داغدۇغىلىق يېتىپ كەلگەن شەھەر-بازارلاشتۇرۇش دولقۇنى ئالدىدا، يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ پەرقىدە ئاساسەن ئاخىرقى بىر ئۆتكەل قالدى، لېكىن بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا يەنىلا بىر ۋاراق قەغەز بولماقتا. يېزا ئىگىلىك نوپۇسىغا نىسبەتەن، شەھەر نوپۇسى بولۇش قانچىلىك يىراقتا؟ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلدى. مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شىۋېن سەمىمىيلىك بىلەن، جۇڭگودا نوپۇس تۈزۈمى پەقەت نوپۇستىن ئىبارەت بۇ بىرلا تۈزۈم ئەمەس، ئىلگىرى ئىقتىساد تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن، چەكلىك ئاممىۋى مالىيە مەبلىغى پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرگىلا ئىشلىتىلگەن ئىدى. چۈنكى شەھەرلىكلەرنىڭ خىزمىتى، ئىش ئورنى بولمىسا، تىرىكچىلىك قىلىشى ناھايىتى تەس ئىدى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق شەھەر-بازار كىشىلىرىگە ئىشلىتىلگەن ئىدى، دېھقانلار بولسا بۇنىڭ سىرتىدا قالغان ئىدى. ھازىر بۇ ئىش ئاستا-ئاستا ئىسلاھ قىلىنىشقا باشلىدى دېدى.

  مەركەز شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە چوڭ ۋەزىپە ئىچىدە، يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى شەھەر ئاھالىلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش ۋەزىپە قىلىندى. ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈنگەن نوپۇس تۈزۈمى ھەققىدە يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشتاتلىق بازار ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ نوپۇس چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش، ئوتتۇرھال شەھەرلەرنىڭ نوپۇس چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس شەرتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. بۇنداق پەرقلىق سىياسەتنى لايىھەلەشكە قارىتا، دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋدې مۇنداق دەپ قارىدى: بۇنىڭدا ئاساسلىقى رېئال سىناق ئاساس قىلىندى. قارىماققا، كېيىن بىز ئوخشىمىغان شەھەرلەرگە ئوخشىمىغان نوپۇسى تۈزۈمى يولغا قويىدىغاندەك، كۆپچىلىك مەلۇم دەرىجىدە ئادىلسىزلىق ھېس قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بۇ نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ يەنە بىر رېئال مەسىلىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن: ھازىر بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ شەھەردە نوپۇس زىيادە كۆپ، كەسىپمۇ زىيادە كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر شەھەر كېسىلىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھات، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئىسلاھات ئاددىي ھالدىلا نوپۇس تۈزۈمىنى ئېچىۋېتىش مەسىلىسى بولماي قالدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدىلا تۇرۇشنى ئويلىشىش، كىچىك شەھەرلەردە نوپۇسنى تۇتۇپ تۇرالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتەك ۋەزىيەت پات ئارىدا توختىتىلىشى مۇمكىن. جاڭ شياۋدې مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىنكى غايىمىز شۇكى، بېيجىڭ ئەلۋەتتە مەنزىلنىڭ بىرى قىلىنىدۇ، بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى باۋدىڭ، لاڭفاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى تۇرمۇش تەننەرخى ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش بىر دېھقان بېيجىڭغا كەلسە، مىليوننى بىرلىك قىلغان تەننەرخكە دۇچ كېلىدۇ؛ ئەمما بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدا بولسا، نوپۇس ئالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، 200، 300 مىڭ يۈەن خەجلەپ، بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىغا كىرسە ياكى ماكانلاشسا بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى دۇ پېڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك نوپۇسىنى شەھەر ئاھالىلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: 1-خىلى سىرتتا يۆتكىلىپ يۈرگىنى، يەنە بىر خىلى تېخى بۇ شەھەرگە كەلمىگەنلەر ياكى شەھەرگە بېرىپ مۇقىم ئىش ئورنى تاپالمىغانلار، بۇ جەھەتتە، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش شۇنداقلا تەرتىپلىك يۆتكىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر