باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى: كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 ئىنكاس قوبۇل قىلىنىدۇ

2013.12.05 09:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى پاش قىلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار توردا پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى كۆرمەكتە

  مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «12380» قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پاش قىلىش سۇپىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن كىشلەرنىڭ خەت-چەك ، تېلېفون ، تور ۋە قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ‹‹ تۆت بىرلەشكەن ›› ‹‹12380›› ئۇنىۋېرسال پاش قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق ئادەم تاللاش ، ئادەم ئىشلىتىشتە قائىدىگە ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلغان .

  مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى خىزمەت زالىنىڭ تېمىغا «پاش قىلىشقا دائىر مەسىلىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرەيلى » دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان . بۇ يەردە خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ . پاش قىلىش مەركىزى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ئادەم تاللاش ، ئادەم ئىشلىتىشتە قائىدىگە ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدىكى پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۇھىم خىزمەت فۇنكىسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ كەلدى .

  «12380» پاش قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى 1600 دىن ئارتۇق قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئىشلىتىشگە دائىر پاش قىلىش ئۇچۇرىنى بىۋاستە تەكشۈرۈپ ، 2200 دىن ئارتۇق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كادىرغا تۈزىتىش بەرگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر