باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەبىئىي گازنى سېتىش باھا ئۆلچىمى %26 ئۆسسە، كارخانا زىياننى ئازايتىپ پايدا ئالىدۇ

2013.12.05 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 12-ئاينىڭ 2- كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىكى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى «ئىمپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باج ئېتىبار سىياسىتىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)، تەبىئىي گازنى سېتىش باھا ئۆلچىمىنى بىكىتىشتىن ئىلگىرى %26 ئۆستۈرۈلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جۇڭگو-بىرما تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرى، جېجياڭ LNG تۈرى، گۇاڭدۇڭ جۇخەي LNG تۈرى قاتارلىق ئۈچ ئىمپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز تۈرى باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. كەسپىي ئەربابلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گازنى سېتىش باھاسى ئۆستۈرۈلسە، جۇڭگو نېفىت شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز نېفىت شىركىتى قاتارلىق ئىمپورت قىلىدىغان شىركەتلەر زىياننى ئازايتالايدۇ ھەتتا پايدا ئالالايدۇ، ئىمپورت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئېشىپ، دۆلىتىمىزنى تەبىئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. (دۇ يەنفېي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر