خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ ج سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 4-چېسلا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشلەردە ئۈچ ئۆلچەمدىكى4G لىق تورنى رەسمىي تارقاتتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ 4G دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كەسپىي خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4Gلىق تورنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتىن بالدۇر بولغاچقا، ئۈچ چوڭ تېلېگراف ئالاقىسى ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر پۇرسەت شۇنداقلا رىقابەت بولغان. بىراق كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېرى بۇ تېز سۈرئەتلىك تور يولىنىڭ ئېچىلىشى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، ئىستېمال، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىستېماللىرىغا تۈرتكە بولىدىكەن، يانغوندا سىن ۋە سۈرەت چۈشۈرۈشتىكى قۇلۇلىدەك ئاستا سۈرئەت دۇلدۇلدەك تېز سۈرئەتكە ئايلىنىدىكەن.