باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، 2014-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى، 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرتەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى

يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2013.12.04 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3-دېكابىر يىغىن چاقىرىپ، 2014-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى، 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرتەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2014-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي مۇقامىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات-تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەر تەكشۈرۈش دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچى ھەققىدىكى چوڭ تەكشۈرۈشتۇر. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەربايلىقىنىڭ ئاساس مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاندى. 2-قېتىملىق يەر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى قوللىنىش يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ زور پىلانى ۋە سىياسىتىنى ئىلمىي ئاساستا تۈزۈپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر