باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاراتقۇلار: ئەنگلىيە كۈتۈنۈش ئورنىدا توققۇز يىل ئىچىدە نەچچە مىڭ ئادەم ئاچ قېلىپ ئۆلدى

2013.12.04 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈتۈنۈش ئورنىدا تۇرۇش بولسا ياخشى بولغان كۈتۈنۈشكە ئېرىشىش ئۈچۈندۈر، ئەمما بىر قىسىم كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى بۇ ئىشلارغا سەل قارىغان. شياڭگاڭ «مەدەنىيەت گېزىتى» نىڭ 3-دېكابىردىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئورنىنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىپ كۆرسىتىشىچە، 2003-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيەدە 1158 ئادەم كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچ قېلىش تەسىرىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

  خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ بىر نومۇس بولۇپ، ئۇلار «مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت» نىڭ ئادەمنى ئۇسسۇزلۇق ياكى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن، ئەمما بۇ بىر قىسىم كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىدا ياتقۇچىلار ئەڭ ئادەتتىكى كۈتۈنۈشتىنمۇ بەھرىمەن بولالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامما ھۆكۈمەتنىڭ تىزىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 318 نەپەر كۈتۈنۈش ئورنىدا تۇرغانلار ئاچ قالغان ياكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 2815 ئادەم ئۇزۇن مۇددەت كارىۋاتتا يېتىپ ئورنىدىن تۇرالماي ئۆلۈپ كەتكەن. دوكلات دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن كۈتۈنۈش ئورنىدا ياتقۇچىلارنى تىزىمغا ئالمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈنۈش ئورنىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ سانى ئەمەلىي ساندىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.

  قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دوكلات جەمئىيەتنىڭ كۈتۈنۈش ئورنىغا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمدىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە دوكلاتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ يىل جەريانىدا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالمىغانلىقىنى ، خىزمەت ئۈنۈمنىڭ يوقلۇقىنى ئەيىبلىگەن. بىر قىسىم خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى بولسا ھۆكۈمەت پىلاننىڭ ئاستا ئىكەنلىكىدىن نارازى بولغان.

  دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سېسترالىق ساھەسىنىڭ سېسىق نامى ئۈزلۈكسىز تارقىلىشقا باشلىغان، بىر قىسىم دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى بىمارلارنى خورلىغان ياكى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن. بىر قىسىم تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن دوختۇرخانىدا ياتقۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تاماق مەسىلىسى ھەل بولمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا %33 ئورنىنىڭ مۇلازىمىتى ئادەتتىكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، روژدېستۋۇ بايرىمىدىن كېيىن كۈتۈنۈش ئورنىغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزگەندە، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈنۈش ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئويلىشىدىكەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئورنىنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىپ كۆرسىتىشىچە، 2003-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيەدە 1158 ئادەم كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچ قېلىش تەسىرىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر