باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكلىقلار ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلدى

2013.12.04 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-نويابىر، ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ مەركىزى دۆلەت مەيدانىدىكى ئاق رەڭلىك «ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار چىدىرى»نىڭ ئاسلىق كىرىش ئېغىزىغا «ئاچلىق ئېلان قىلغىلى 19 كۈن بولدى» دېگەن خەت يېزىلدى. ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە 11 مىليون نوپۇسى يوق كۆچمەنلەرگە پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش ئۈچۈن، بۇ ئاشلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 12-نويابىردىن باشلاپ بۇ يەردە باشلاندى.

  بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى كىمكونرون كورىيەلىك مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىق ئىدى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىدىكى ئۈچ ئاساسلىق ئاچلىق ئېلان قىلغۇچى 19 كۈن تاماق يىمىدى، ھەر كۈنى پەقەت سۇ ئىچىدۇ. ھەر كۈنى كىشىلەر ئۈزۈلمەي بۇ قوشۇنغا كىرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغان كۈنى ئوخشىمايدۇ، ھەممىسىنى قوشقاندا ھازىر 300 ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى. بۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا پارلامنېتى كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 6-ئايدا كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى قانۇنى ماقۇللاپ، سالاھىيىتى يوق كۆچمەنلەرگە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن بۇ لايىھە ھازىرغىچە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمىدى. كىمكونرون مۇنداق دېدى: ھازىر ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا يولنى توساۋاتىدۇ، ھازىرقى كۆچمەنلەر تۈزۈمىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، بىز بونانىڭ كۆچمەنلەر لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  30-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، تەخمىنەن 20 ئادەم ئاچلىق ئېلان قىلىش چىدىرىدە ئاچلىق ئېلان قىلدى چىدىر ئىچىگە ئېنگىلىزچە، ئىسپانچە، كورىيەچە قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان ھەر خىل رەڭدىكى «ئامېرىكا كۆچمەنلەر دۆلىتى، ئۇلار بىزنىڭ كۈچىمىز ۋە كەلگۈسىمىز»، «بىز ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىشىمىز، ئۇلارنى ئايرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن خەتلەر يېزىلدى.

  كشىلەر چىدىرغا كىرىپ، سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە تىلىكىنى قالدۇردى. ئارىزونا ئىشتاتىدىن كەلگەن ماساكى پاترىيا: مەن ھەركۈنى سالاھىيىتى يوق كۆچمەنلەرنىڭ ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن، شۇڭا ئاچلىق ئېلان قىلدىم، بۇ ئىشلار ئەسلى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، دېدى.

  ئوباما ھاكىمىيەت تۇتقاندىن باشلاپ ئىزچىل كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ كەلدى، لېكىن توسالغۇ كۆپ بولغاچقا بۇنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن تارماقلىرىنىڭ تاقىلىپ قىلىش كىرىزىسى ياخشىلانغاندىن كېيىن، كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. سايلام بېسمى يوق ئەھۋالدا، ئوباما كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى. 24-ئۆكتەبىر، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش كىرىزىسىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان ئوباما سۆز قىلىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ماسلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ماقۇللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە پايدىلىق دېدى. 25-نويابىر، ئوباما كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم سۆز قىلىپ، ھازىر كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، قىزىل رەقەمنى ئازايتىش، ئائىلىلەرنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش جەھەتلىرىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رو ئوينايدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا بىروكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئودرېينىڭ ھېسابلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنىڭ شۇنداق مۇھىم بولىشى بۇنىڭ كەينىدە ئىقتىسادىي ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىكەن. ئامېرىكا قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە كىرىۋاتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن 1964-يىلغىچە تۇغۇلغانلار ئىچىدە، 79 مىليون كىشى 65 ياشقا كىردى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھازىر ئامېرىكا نوپۇسى ئىچىدە تەخمىنەن %17 كىشى لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەۋلادى، تەخمىنەن %5 كىشى ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادى. تەخمىنەن %13 كىشى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپيىشى ئەڭ كۆپ، نوپۇسى ئەڭ ياش بولغىنى لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ، 2050-يىلغا بارغاندا، ئۇلار ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %29تىنى ئىگەللەيدۇ. ھازىر سالاھىيىتى يوق كۆچمەنلەر تازا خىزمەت قىلىدىغان ئالتۇندەك يېشىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكا توغرا قارىمىسى بولمايدىغان ھەقىقەت.

  ھالبۇكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە باھا بېرىدۇ. بىر تەتقىقات دوكلاتىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئەگەر ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈپ، 11 مىليون قانۇنسىز كۆچمەنگە ئامېرىكا پۇقراسى سالاھىيىتى بەرسە، ھەمدە ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرسە ئۇنداقتا ئۇلار كەلگۈسى 50 يىلدا ئامېرىكىنىڭ 9 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى خەجلەيدۇ، ئۇلار تاپشۇرغان باج پەقەت 3 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ قىزىل رەقىمى 6 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدۇ.

  ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ بېسىمىگە قارىتا بونا مۇنداق دېدى: مەن كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلساممۇ، لېكىن بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ بۇ يىلقى قانۇن تۇرغۇزۇش كۈن تەرتىپى ئاز قالدى، ئۈنىڭ ئۈستىگە رودژىتىسۋا بايرىمى كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭ تېخى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كۆچمەنلەر لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش پىلانىم يوق. ئالاقىدار كومىتېتلار داۋام خىزمەت قىلىدۇ. بىز ساۋات ۋە تەرتىپكە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىلەن بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىزىدىنىمىز ۋە تىرىشىمىز.

  بۇنىڭغا قارىتا كىمكونرون: بىز قاچانغىچە ئاچلىق ئېلان قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، بىز پارلامېنتنىڭ بۇ لايىھەنى بالدۇراق ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر