باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون %30كە يېقىن مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى كېمەيتتى

2013.12.06 08:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۈرلۈك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن 1294نى ئېنىقلاپ، 481 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، كېمەيتىش نىسبىتىنى %29.3كە يەتكۈزدى، بۇ ئاپتونوم رايون ئۆتكەن ئون يىلدا ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ.

  ئىگىلىنىشىچە، يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئىخچاملاش قارار قىلىنغان. بۇ قېتىمقى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى − ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەش رولى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاڭلىق باشقۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى ۋە «ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە ئىخچاملاپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى كۆرۈنەرلىك قېلىپلاشتۇرۇش، 2015 - يىلغىچە ھازىرقى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى %35 ئەتراپىدا كېمەيتىپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ئەڭ ئاز، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمەت سۈپىتى ئەڭ ئەلا رايونغا ئايلاندۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق ۋەزىپىسى − مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى تەڭشەش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مىكرو ئىشلارغا ئارىلىشىشنى ئازايتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەھەتلەردىكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى نۇقتىلىق ئازايتىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە رەتكە سېلىپ، يۈرۈشلەشكەن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېيىنكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر جايلار، تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاندى ۋە زور دەرىجىدە كېمەيتىلدى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە رەتلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 54 تارماق، ئورۇن يولغا قويغان مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى 1294 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى 843، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تۈر 451. مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن 481ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تەڭشەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تەڭشەلگەن مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ئۈچ تۈركۈم\قېتىم، ئاپتونوم رايون تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ئۈچ تۈركۈم\قېتىم. بۇ قېتىمقى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش سالمىقىنىڭ زورلىقى، دائىرىسىنىڭ كەڭ، سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن.

  ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئىخچاملاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق مەمۇرىي ئۈنۈم ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

  جاڭ يۆ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون كېيىنكى قەدەمدە مەمۇرىي تەستىقلاشقا تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات مېۋىسىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ساھەلەردە تەلەپچان تەشكىلات، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر