باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا مىسىرنىڭ تەييارلىقى پۈتتۈمۇ؟(1)

2013.12.09 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مىسىر –پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى 5-دېكابىر مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىردە يېپىلدى. مىسىر ھۆكۈمەت تاراتقۇسى «ئەلئېھرام گېزىتى»تور بېكىتى خەۋەر بېرىپ، مۇنبەردە مىسىر بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى قىممىتى تەخمىنەن 50مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان 60 نەچچە تۈردە دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى،دېدى. سىياسىي داۋالغۇۋاتقان، ئىقتىسادى ئاجىز مىسرغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بۇ كىشى قەلبىگە تەسەللىي بىرىدىغان خەۋەر.

  2011-يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئۇزاق مۇددەت سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە جەمىئىيەتتىكى داۋالغۇش مىسىر ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋەتتى، مىسىرغا چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا زەربە بەردى، تاشقى مەبلەغنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كەسكىن تىما بولۇپ قالغانىدى.

  3-ئىيۇل مىسىردا ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۈۋەيت قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى داۋاملىق مالىيە قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن مىسىرغا تەسسەلىي بېرىپ كەلدى، ھەقسىز قەرىز پۇل ياردىمى بېرىش، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئۆز-ئارا ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك قوللىدى.

  4-دېكابىردىكى مىسىر پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى- باش مىنىستىرى ۋە نۇرغۇن مىنستىرنى مىسىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار يىغىنغا قاتناشقان 500دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىغا مىسىردا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى تەشۋىق قىلدى. ئەمما ئىتىراز بىلدۈرۈش، تېررورلۇق ھۇجۇم كۆپ يۈز بېرىۋاتقان مىسىرنىڭ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش تەييارلىقى پۈتتىمۇ؟

  بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىر نوقۇل ھالدىكى «ياردەم قۇبۇل قىلغۇچىدىن» ئىقتىسادى ھەمكارلاشقۇچىغا ئۆزگىرىش ياسىدى. قاھىرە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىرۇففىسسورى ئابدۇللا فاتاخ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قەدەم ئاستا بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېقىندا مىسىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشى مىسىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

  يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدا يەنىلا نۇرغۇن يۇمشاق، قاتتىق دېتال جەھەتتە يىتىشمەسلىك مەۋجۈت.

  مىسىر ئاۋان سانائەت رايونى مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەد سەيىد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تۈر ئىجازىتى، بارلىق ھوقۇق قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ جەريانى كۆپىنچە ھاللاردا مۇرەككەپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدىن چارچاپ قالىدۇ. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسيۈت ئۆلكىسىدە بىر سودىگەر بىر تىل مەكتىپى ئاچماقچى بولدى، ئەمما مىسىر يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى تاللاپ بەرگەن چۆللۈكنى تېرىلغۇ قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىككى يىل ۋاقىت كەتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر