باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ماندېلانىڭ ۋاپاپ بولغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردى، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا مەنسۇپ(1)

2013.12.09 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىيي كەمسىتىشكە قارىشى پالۋانى سابىق پىرېزىدېنت ماندېلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن بۇ دۆلەت دەرھال قايغۇ دېڭىزىغا غەرق بولدى.

  گەرچە ماندېلا ئۆپكە كېسىلى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم بالنىستقا كىرىپ قالغان ھەمدە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي قازا قىلغانلىقىنى جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ قوبۇل قىلمىقى تەسكە چۈشتى. دەل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پىرېزىدېنتى زۇما ئېيتقاندەك: گەرچە بىز بۇ كۈننىڭ ئاخىرى كېلىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تولۇقلىغۇسىز زىيان ھېس قىلىدىغان غايەت زور ئازابىمىزغا سەۋرى قىلالمايمىز.

  جوھاننىسبورىگتا كىشىلەر ماندېلانىڭ تۇرالغۇسى ئالدىدا، بۇ ئۇلۇغ زاد بىلەن ۋىدالاشتى، ماندېلا 2-دېكابىر بالنىستتىن چىققاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە بۇ يەردە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ھاياتىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

  كىشىلەر قاتتىق قايغۇ ھەسرەتكە چۆمدى، كىشىلەر توپى ئىچىدە بىر كىشى ئۇشتۇمتۇت جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى، نۆۋەتچى ساقچىلار ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ بۇنىڭغا جور بولدى، يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار كەينى-كەينىدىن توختىدى، بارغانچە كۆپ كىشىلەر ماتەم توپىغا قوشۇلدى.

  نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ بۇ يەرگە كەلدى، گۈل چەمبىرەك ۋە گۈل سېۋەتلىرىنى تام تۆۋى ۋە دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا قويدى.

  بىر مويسىپىت ئەر-خوتۇن قورامىغا يەتمىگەن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ 40 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ بۇ يەرگە كەلدى. 8 ياشلىق قىزى ماندېلا بوۋا بىزگە سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ دېگەن خەت يېزىلغان كۆك رەڭلىك تاشنى دۆۋىلىنىپ تاغدەك بولۇپ كەتكەن خاتىرە تاشلىرى ئۈستىگە قويدى.

  ئۇنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: بىز بالىلار ئېلىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن مەقسەت ئۇلارغا بۈگۈنكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يارىشىش ۋە مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش. بىز ماندېلاغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، كىشىلەرنىڭ قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلمىقى ناھايىتى تەس ئىدى.

  كيپتاۋېننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى روببېىن ئارىلىدا كەيپىيات ناھايىتى سۈرلۈك بولدى. ماندېلا بۇ ئارالدا 18 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ماندېلانىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر