باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: «تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ئارىلى» تەسىس قىلىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ روھى بىلەن ئوخشاش

2013.12.09 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۈستىدە گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىندا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان شېنجېننىڭ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ئارىلى تەسىس قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوۋ يۈپېي جاۋابەن مۇنداق دېدى: تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ئارىلى تەسىس قىلىشتا ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپىنى ئاساس قىلىش چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنى چىقىرىش روھى بىلەن ئوخشاش، بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش جىنايىتىگە جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە زەربە بېرىش بىلەنمۇ توقۇنۇشمايدۇ. بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش مەسىلىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇستەسنا بولالمىغان بىر ئىجتىمائىي ھادىسە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە شۇنداق بوۋاقلار بىخەتەر پورت، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار مۇھاپىزىتى قۇرۇش ۋە ئىسمىنى يوشۇرۇپ تۇغۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قوغدىلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدە بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا كىرىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئەخلاقمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. (مۇخبىر چاڭ خۇڭ خەۋىرى جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر