باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا ئومۇمىي پەننى ئازايتىش، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلماسلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ «ئومۇمىي پروگراممىسى» تۈزۈلدى

چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى بىر يىلدا كۆپ قېتىم بەرسە بولىدۇ

2013.12.09 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ لىمىن 5-چېسلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، پات ئارىدا پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇلىدۇ. لايىھە «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئورنىتىش- مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى پەنلىرىنى ئازايتىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەپ ئايرىماي ئىمتىھان ئېلىش پەنلىرىنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە زامانىۋى مائارىپ بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ.

  ليۇ لىمىن مۇنداق كۆرسەتتى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ئېلىمىز مائارىپىنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنىڭ سىستېمىلىقى ۋە ئۇنىۋېرساللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر ئىسلاھات. ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ــــ 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە زامانىۋى مائارىپ بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش. تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىدىغان ئاساسىي ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئىمتىھان ئېلىش بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر-بىرىدىن ئايرىلغان، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قېتىم تاللىيالايدىغان، مەكتەپ قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالايدىغان، كەسپىي ئورگانلار تەشكىلاتچىلىق قىلىپ يولغا قويىدىغان، ھۆكۈمەت ماكرو جەھەتتىن باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىشقا ئىشتىراك قىلىدىغان ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنى جىپسىلاشتۇرىدىغان، بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان، كۆپ خىل ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار يېتىلىپ چىقىدىغان «ئۆتۈشمە كۆۋرۈك» بەرپا قىلىش. (مۇخبىر يۈەن شىنۋېن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر