باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند پادىشاھى تۆۋەن پالاتانى تارقىتىۋېتىشنى تەستىقلىدى ھەمدە كېلەر يىلى 2-فېۋرال سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، تايلاندنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا كىرىپ قالدى

2013.12.10 19:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تايلاند پادىشاھىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى 9-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، پادىشاھ بۇمىبولنىڭ پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ھەمدە كېلەر يىلى 2-فېۋرال سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ 2011-يىلدىكى نامايىشتا تۆۋەن پالاتا تارقىتىۋېتىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزگەندىكى ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدۇ، تايلاند ۋەزىيىتى ئىككى يىل ئاۋۋالقى داۋالغۇشقا قايتقاندەك قىلىدۇ. بىراق ۋەزىيەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ.

  ھۆكۈمەت ساقلاپ قىلىنىپ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ، يىڭلاك يەنە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن

   9-دېكابىر ئەتىگەندە، تايلاند زۇڭلىسى يىڭلاك تۆۋەن پالاتانىڭ تارقىتىلغانلىقىنى ھەمدە 60 كۈن ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە سايلام ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

   يىڭلاك مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تايلاندتىكى كۆپ قىسىم ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئايان بولدى، يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،مۇشۇنداق كېتىۋەرسە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ دۆلەتكە زىيان يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا خەلقنىڭ سايلام ئارقىلىق ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ، دۆلەتكە چىقىش يولى تېپىپ بېرىشى ئۈچۈن ھوقۇقنى خەلققە قايتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. (سۈن گۇاڭيۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر