باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشىدىن نارازى بولدى

2013.12.10 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان ب د ت غا خەت يېزىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى رەت قىلدى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 8-دېكابىر ئېلان قىلغان مۇھاكىمە ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا زور پەرق بار، سەئۇدى ئەرەبىستان جازانى بوشاشتۇرغاندا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە «زومىگەر» بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يارىشىپ قېلىشىدىن، ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇندىن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتى بىردەك ئىدى، ئامېرىكا ئىران بىلەن ۋاقىتلىق يادرو كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، بۇنداق كۈنلەر ئاياغلاشتى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سۆھبىتىگە بولغان كۆز قارىشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ؛ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بوشاشتۇرۇپلا قويسا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى بارغانسېرى زورىيىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستان ھېلىھەم ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، بىراق بۇ يادرو كېلىشىمى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دەپ قالغاندا، ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنى مالىمان قىلىۋەتكەن زەربە دولقۇنلىرىنىڭ بارغانچە ئۇلغىيىپ كېتىشىدەك بىر ئىختىلاپنى ئاشكارىلاپ قويدى.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىسىدە، ۋاشىنگتون ئىزچىل ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا تايىنىپ قالدى. بىراق بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋەتتى. شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا زادى قايسى تەرەپنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى بارغانچە خالىمايدىغان بولۇپ قالدى، دەل مۇشۇ توقۇنۇشتا، سەئۇدى ئەرەبىستان سۈننىيلەر تەرەپتە تۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يېڭىدىن ئاچقان نېفىت مەنبەسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇھىملىق ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ قويدى، ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان سۇرىيە ۋە ئىرانغا تۇتقان دىپلوماتىيە سىياسىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆزى خۇددى تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويدى.

  ۋېرمونت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسورى گرېگورىي گائۇس «بىزنىڭ ھېلىھەم ناھايىتى نۇرغۇن ئورتاق نىشانلىرىمىز بار، بىراق بىزنىڭ ئېغىشىدىغان مۇھىم نۇقتىمىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭكىگە بارغانچە ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ» دېدى. «بىزنىڭ خېلى كۆپ مەسىلىلەردىكى كۆزقارىشىمىز ئوخشىمايدۇ – ئەرەب باھارىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئىرانغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىدىكى نېفىتنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان يۈزلىنىشى، بۇ ئىختىلاپلار ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋەت ئاساسىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ».

  گائۇس يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل تۈردە بەزى مۇھىم ئىختىلاپلار يۈز بېرىپ تۇردى، مەسىلەن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئىسلام دىنىنى تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە. بىراق، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران داھىيسى بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيەتنى پەسەيتمەكچى بولغانلىقى بىر قىسىم سەزگۈر نېرىپلارغا تېگىپ قويدى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇنىڭ شىئەلەر رەھبەرلىك قىلىدىغان رەقىبىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىۋېلىشغا چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ جەڭ مەيدانىدا بىر قېتىم ئازراق غەلىبە قىلىپلا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى ھوشيارلىق بىلەن شۇنى كۆرۈپ يەتتىكى، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدىغان تۈركىيە ھازىر ئىرانغا ئاللىقاچان زەيتۇن شېخى تاشلىدى. مەسىلەن، تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئىران پىرېزىدېنتىنى تۈركىيەگە كېلىپ رەسمىي زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەندىشىسى ناھايىتى كۈچىيىپ كەتتى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى ناھايىتى ئاسانلا ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يارىشىپ قېلىشىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى قىلىۋېلىشىدىن تېخىمۇ بەك ئەنسىرەيدۇ.

  «سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ئۆزلىرىنى ئىراننىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسى چەمبىرىكى ئىچىدە تۇرغاندەك، يەنى ئىراق، سۇرىيە، لىۋان ۋە بەھرەينگە ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ» بۇرۇن ئوتتۇرا شەرقتە نەچچە ئون يىل تۇرغان، ھازىر ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ بولغان، ئامېرىكا باش ئەلچىسى رىچارد مۇرفاي شۇنداق دېدى، «بۇ خىل پسىخىكىغا تاقابىل تۇرماق تەس، بۇ بىر ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۈشمەنلەرچە خىيال، 21–ئەسىردىكى بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇشتا پارتلاپ چىققان».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر